ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى "مىنىڭ غەربىي دىيارىم، سىنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق كىتابى ھەققىدە ئىزھات بەردى
2007.11.19

يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ1999 - يىلى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن شىنجاڭ بىخەتەرلىك نازارىتى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن 'شىنجاڭ خاتىرىلىرى' دېگەن كىتابىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن تەپسىلىي ئاڭلاتقان ئىدۇق. شۇنىڭدىن بۇيان ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتى ۋە ھېكايىلىرى ئۇيغۇرلارغا تونۇش. ئەمدى 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2007 - يىلى 10 - ئايدا، ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ "مېنىڭ غەربىي دىيارىم - سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" ناملىق يەنە بىر كىتابى تەيۋەندە نەشر قىلىندى. ھازىر بۇ كىتابتىكى بىر پارچە فوتو سۈرەت كىتابنىڭ ئۆزىدىنمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
بۈگۈن ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى ئۆزى مەزكۇر كىتابى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.
"بۇ كىتابىم شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدىكى گېپى بىلەن بايان قىلىدىغان كىتابقا ئايلاندى"
ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدىكى گېپى بىلەن بايان قىلىدىغان شەكىل بىلەن يېزىلغان.
مەن 1999 - يىلى تەتقىقات ئۈچۈن شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم،- دەيدۇ ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى كىتابى توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتىدا، - شۇ ۋاقىتتىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا تەييارلىق قىلغان ئىدىم. ئەمما تەتقىقات ئۈچۈن تەكشۈرۈش-ئىزدىنىش جەريانىدا، كۈتۈلمىگەن ھالدا، شىنجاڭ دائىرىلىرى مىنى دۆلەت 'مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش' دېگەن نام بىلەن تۈرمىگە سولاپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەتقىقاتىم ئۆكسۈپ قالدى. ئەمما بۇ ۋەقە مەندە باشقا بىرخىل ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شىنجاڭ مەسىلىسىدە، مەندە ئۆزگىچە كۆزىتىش نوقتىسى، يېڭى پىكىر پەيدا بولدى. دېمەك، مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ يېزىشقا كىرىشكەن بۇ كىتابىم، بۇرۇنقى تەسەۋۋۇر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتا پۈتتى. دەسلەپتە شىنجاڭنى سىرتتىن تۇرۇپ كۆزىتىشكە باشلىغان بولسام ، شۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلار يۈزلەنگەن ئەھۋالدىكى ھېسسىيات بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆزىتىدىغان ۋە پىكىر قىلىدىغان بولدۇم. نەتىجىدە مىنىڭ بۇ كىتابىم شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئىمكان قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدىكى گېپى بىلەن بايان قىلىدىغان كىتابقا ئايلاندى.
"بۇ كىتابتىكى بىر فوتو سۈرەت راستىنلا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنىڭ كۆرۈنىشى"
ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە فوتو سۈرەت بار. بۇ سۈرەتنى ھازىر كۆرۈۋاتقان ئادەم ناھايىتى كۆپ، كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۇ سۈرەتنى بىر-بىرىگە ئەۋەتىپ بېرىشىۋاتىدۇ. بۇ سۈرەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ساقچىلار بىلەن ئازادلىق ئارمىيە بىرلىكتە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنى يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، زورلۇق -زۇمبىلىق قىلىۋاتقان ئېچىنىشلىق كۆرىنىش بار. ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى بۇھەقتە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەن بۇ فوتو سۈرەتنى ماڭا كىم بەرگەنلىكىنى ئېيتمايمەن، ، مەن ئۇ كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىم لازىم. ئەينى ۋاقىتتا، ماڭا بۇ فوتو سۈرەتنى بەرگەن ئادەم ئۆزىمۇ بۇنىڭدىكى كۆرىنىشنىڭ قاچان يۈز بەرگەن ۋە قانداق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرمىگەن. ئەمما 80 - 90 - يىللاردا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرەز قىلىش مۇمكىن، شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنىڭ كۆرۈنىشى. مۇشۇ كۆرىنىشنىڭ ئۆزى بىزگە كۆپ مەسىلىسنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
"مەن ئۆزەم 'بىزنىڭ غەربىي دىيارىمىز' لا ئەمەس ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ' شەرقىي تۈركىستانى' ئىكەن دەپ چۈشىنىدىغان بولدۇم"
ۋاڭ ئەپەندى بۇ كىتابى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئارزۇيى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ كىتابىم مەندەك بىر خەنزۇنىڭ نەزىرى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ يېزىلغان. ئەمما ھېچبولمىغاندا، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەسىلىنى بايان قىلىشقا تىرىشتىم. 'شىنجاڭ مەسىلىسى' دېگەن بىر ئورتاق مەسىلىنى ھەممە كىتابخانلىرىمنىڭ ئالدىغا قويدۇم، شىنجاڭ مەسىلىسى، ئېتىراپ قىلامسەن- قىلمامسەن، ئۇ بىر رىئال مەسىلە. بۇ مەسىلە بىر تەرەپنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس.
خەنزۇلار ياكى ئۇيغۇرلار ئۆزى ھەل قىلىۋالىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تۇرۇپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە. شۇڭلاشقا مەن بۇ كىتابنىڭ نامىنى "مېنىڭ غەربىي دىيارىم - سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ" دەپ قويدۇم. چۈنكى مەن ھازىر ئۇزۇن تارىخىي زامانلاردىن بۇيان خەنزۇلار 'بىزنىڭ غەربىي دىيارىمىز' دەپ قارايدىغان بۇ جاينى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر 'بىزنىڭ شەرقى تۈركىستانىمىز' دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئۆزەم بۇ جاي 'بىزنىڭ غەربىي دىيارىمىز' لا ئەمەس ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ' شەرقىي تۈركىستانى' ئىكەن دەپ چۈشىنىدىغان بولدۇم ، شۇنداقلا بۇ كىتابىم ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن دېگەن كۆز قاراشنى بايان قىلدىم. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى توغرىسىدا ئەسلىمە (2)
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (2)
- ئستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسى توغرىسىدا ئەسلىمە (1)
- تۈرك مەتبۇئاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە
- شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋەلىجان ۋاپات بولدى
- سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (3)