ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا مىڭ جيەنجۇنىڭ ئالمىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە

2009 - يىلى 12 - ئايدن بۇيان خىتاي تىلدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن، ئاپوللو، بوشۇن قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم خوڭكۇڭدا چىقىدىغان نۇر گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پارتىكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.12.29
Wang-lechuan-305 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن.
AFP Photo

شۇنداقلا خەۋەرلەردە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا ھازىرقى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتىكوم سېكرېتارى قىلىنىپ تەيىنلىنىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن 29 - دېكابىر كۈنى بوشۈن تور بېكىتى خوڭكوڭدا چىقىدىغان "نۇر گېزىت"ئىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مىڭ جيەنجۇنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ باسقان. بۇ 10 كۈندىن بۇيان خىتايدىكى شىنلاڭ، شوخۇ قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى ئەركىن مەيدانلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.

ئاپوللۇ تور بېكىتىنىڭ 13 - دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يېقىندا بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنى قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ھازىرقى ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى چاڭ ۋېنمېڭنى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئورنىغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ بەلگىلىمەكچى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى سىياسىي كېڭەش رەئىسى سىن شۇيىنىڭ پارىخورلۇق چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلغىنى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي تور بەتلىرىدە ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ئىتتىپاقدىشى بولغان سۈن شۇيىنىڭ جازالىنىشى بەلكىم ۋاڭ لېچۈەننىڭمۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىمالىنى يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن دەيدىغان قاراشلارنىڭ كۆپىيىشىنى ۋە بۇ ھەقتىكى بەس - مۇنازىرىلەرنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
 
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى، ۋاڭ لېچۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى قىلىىپ تەيىنلىگەن 14 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى خىتاي پۇقرالىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا ۋاڭ لېچۈەنگە بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى 1 - نومۇرلۇق قاتىل دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولسا، خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور دەپ سۈرەتلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقنىڭ ۋاڭ لېچۈنگە بولغان نارازىلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان بولۇپ، ئۇرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە يىڭنە ۋەقەسى سەۋەبىدىن 2009 - يىلى 3 - سېنتەبىر كۈنى نامايىش قىلغان خىتاي پۇقرالىرى ۋاڭ لېچۈەننى پارىخورلۇق، چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ۋاڭ لېچۈەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى جى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى.
 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ۋاڭ لېچۈەننى ئەيىبلەپ، "5‏ - ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ باش جاۋابكارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىق سىياسىتى، بولۇپمۇ ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان" دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مەسئۇلى ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، مىڭ جيەنجۇنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۆتكىلىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرىتارى قىلىنىپ تەيىنلىنىش ئېھتىمالى بولغان مىڭ جيەنجۇ 2007 - يىلى 10 - ئايدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، 2008 - يىلى لخاسادا يۈز بەرگەن "14 - مارت تىبەت ۋەقەسى"نى باستۇرۇشقا قاتناشقان، 2008 - يىللىق خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان، بۇ يىل 7 - ئايدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان. 2009 - يىللىق خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە " قاتتىق باستۇرۇش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش" شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بىلەن خەلقئارادا ئەيىبلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "يۆنىلىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا قاتتىق قوللۇقلىقى بىلەن نام چىقارغان مىڭ جيەنجۇغا ئوخشاش يەنە بىر جاللاتنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمايلا قالماستىن، بەلكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

"مېنىڭچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەسىلە ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ زېمىندىن يۆتكىلىپ كېتىشى بىلەنلا ھەل بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىنغا بولغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھېچقاچان ئۆزگەرگىنى يوق. ۋاڭ لېچۈەن پەقەتلا خىتاي سىياسىي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئىجراچىسىلا خالاس. ھازىر خەلق بۇ زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئاقىۋەتلەردە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى بىلەن مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ ئۈمىدلىنىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگەرگىنى يوق، ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. قارىغاندا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردىكى خاتالىقىنى تۈزىتىش ئويى بولمىسا كېرەك!"

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 29, 2009 09:39 PM

ﯞﺍﯓ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭼﯜﺳﺴﯘﻥ .....

Anonymous
Dec 30, 2009 08:03 AM

ﯮﺧﺸﺎﺵ ....ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﻐﯘﭼﻪ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ
ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﯬﻣﻪﺱ ﻛﯜﻧﺪﻯ ﻛﯜﻧﮕﻪ
ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪﯗ، ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﯲﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﯬﻣﺪﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ
ﯴﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﯬﯓ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﯬﺧﻤﻪﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺧﺎﻻﺱ......ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺵ....