ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ


2006-10-20
Share
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ بىر تېمىغا ئېسىلغان تەشۋىقات تاختىسى. ئۈستىدىكى قۇردا "دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، پۇتۇنغۇئادا سۆزلىشەيلى" دېگەن سۆزلەر، ئاستىدىكى قۇردا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى نازارەتچىلىكىدە ياسالدى" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

تېخى بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مەزكۇر رايوندىكى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىغا ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى سەۋەب بولماقتا، شۇڭا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش مەسىلىسىدۇر. شۇنداق قىلغاندىلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى ساپاسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

10 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 7 ‏- قېتىملىق كومپارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش دەپ تەكىتلەپ، "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ‘ئۈچ خىل كۈچ’ كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت" دەپ بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى زومىگەرلىك

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لياۋ تيەنچى خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‘غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئاستىدا، مەزكۇر رايوننى ھەر تەرەپمىلەپ قەدەممۇ قەدەم خىتايلاشتۇرماقتا. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتنى ئەسلىدىكى كۆپ سانلىق نوپۇستىن ئاز سانلىق نوپۇسقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنى ئاز دەپ، كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتاي مىللىتى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولماقتا. يەنە كېلىپ خىتاي تىلى بىلمىگەنلەرگە خىزمەت يوق دېگىنى بەكمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق. ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇ ‏- ئەۋلاد مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن تۇرسا، ئۇلارغا ئۆز تىلىڭدىن ۋاز كېچىپ، بىزنىڭ خىتاي تىلىمىزنى ئۆگەن، خىتاي تىلىنى ئۆگەنمىسەڭ ساڭا خىزمەت يوق' دېگەنلىك بەكمۇ يولسىزلىق ۋە زومىگەرلىك قىلغانلىق" دەپ بىلدۈردى.

د ئۇ ق: ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقنى ئىنكار قىلىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندىمۇ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى خىتاي تىلى بىلىش ‏- بىلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ، دېگەن تەشۋىقاتنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ قېتىممۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئۈچ خىل كۈچ' كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ئۇسسۇلدىكى پائالىيەتلىرىنى "ئۈچ خىل كۈچ" باھانىسى بىلەن باستۇرىدىغانلقىنى ئېيتتى.

ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى خەلقنىڭ ئۆزى بۇنىڭغا جىددىي قارىشى كېرەك.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لىياۋ تيەنچى خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان زوراۋانلىق تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈشى خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ بىر ئىش" دەپ تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل زوراۋانلىق تۈزۈمىنى پەقەت شىنجاڭدىلا ئىشلەتكەن ئەمەس، ئۇلار موڭغۇل رايونىدىمۇ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ، مەزكۇر جايدىكى ئەسلىدىكى كۆپ سانلىق نوپۇسنى ئىگىلىگەن موڭغۇل مىللىتىنى ئاز سانلىق نوپۇسقا ئايلاندۇرۇپ، كۆچمەن خىتاي مىللىتىنى مەزكۇر جايدىكى كۆپ سانلىق نوپۇسقا ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، موڭغۇللارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بولغان. ھازىر ئۇلار شىنجاڭدىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا كىرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا تىبەتتىمۇ بارا -بارا مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى خەلقنىڭ ئۆزى بۇنىڭغا جىددىي قارىشى كېرەك. يەنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زوراۋانلىق قىلمىشىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ خىل مەسىلىلەرگە جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك". (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت