
خىتاي مەتبۇئاتلىرى 25 - ئۆكتەبىر كۈنى، بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ يەنە قايتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم باش سېكرېتارلىقىنى قولغا ئالغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ۋاڭ لېچۈەن 1995 - يىلىدىن بۇيان مۇشۇ ۋەزىپىدە ئولتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنى 1991 - يىلىدىن 1995 - يىلىغىچە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2002 - يىلى ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن سىياسىي بيۇروسىغا ئازا قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىگە قويغاندىن بۇيان، ۋاڭ لېچۈەن "ئۈچ خىل كۈچ" كگە قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئۇيغۇرلاردا "قىرغىنچىلىق" سىياسىتى دەپ تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى.
ئۇنىڭ 2000 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپىدا ئېلىپ بارغان "قوش تىللىق مائارىپ" نىقابىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا "ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئۇچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە " سىياسىتى دېگەندەك نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. شۇنىڭدەك، ۋاڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرىنىڭ داۋاملىشىشى دەپ قارالماقتا.
بۇ ھەقتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)