'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمايىل تېلىۋالدى، خۇ ۋېي قاتارلىق كىشىلەر خۇنەنگە بېرىپ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ماۋزېدۇڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، ئۇلار 'رەئىس ماۋزېدۇڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى، ھازىر شىنجاڭ تەرەققى قىلدى، شىنجاڭ خەلقى ماۋزېدۇڭنىڭ مىھرى-شەپقىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ' دەپ مەدھىيە ئوقۇپ تاۋاپ قىلغان. ئۇلار خۇنەننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا 'ليۇياڭ ئۈسۈملۈك -دورا زاۋۇتىنىڭ ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان جايدا دورا زاۋۇتى قۇرۇش تەجىرىبىسى بار، شىنجاڭدا بۇنىڭ خامئەشيالىرى ئىنتايىن كۆپ' دېيىش ئارقىلىق خۇنەننى ھەر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جەلىپ قىلىشقا تىرىشقان.
ئورگىنى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھەممەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ماۋزېدۇڭنى ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمايىل تېلىۋالدىلار دېگەندەك ئەمەس بەلكى ئەڭ زۈلمەتلىك كۈنگە قويغان شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلماسلىقى مۇمكىن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھەممەت توختى ئەپەندى ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمايىل تېلىۋالدىلارنىڭ گەرچە شىنجاڭ بىلەن خۇنەننىڭ ئارىلىقى يېراق، مىڭلىغان دەريا ۋە تاغلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ خەلقىنىڭ قەلبى بىر-بىرىگە چىڭ چېتىلغانلىقتىن، يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، دېگەن مەدھىيىلىرىگىمۇ رەددىيە بەردى.
مەھەممەت توختى ئەپەندى ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمايىل تېلىۋالدىلارنىڭ ماۋزېدۇڭغا تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن قىلغان خۇنەن سەپىرىدە، ۋاڭ جېننىڭ يۇرتى بولغان خۇنەندىكى ليۇ ياڭ ئۈسۈملۈك-دورا زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ خام ئەشيا مەنبەلىرىگە جەلىپ قىلغانلىقىنىمۇ مۇلاھىزە قىلدى.