
يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان "مالىيە "ژۇرنىلىدا، "لۇنىڭ گۇرۇھى كىمنىڭ؟" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، شەندۇڭدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت كارخانىسى يەنى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سېستىمىسى ھېسابلانغان لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ، دۆلەت كارخانىسىدىن، شەخسىي كارخانىغا ئايلىنىش جەريانىدىكى ۋەقەلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
2006 - يىلى 12 - ئايدا، خىتاي مەبلەغ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، سابىق دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرى چېڭ گۇاڭجەن، لۇنىڭ گۇرۇھى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلاپ، ھۆكۈمەتتىن لۇنىڭ شىركىتى ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ۋەقەنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقىنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.
چىرىكلىككە قارشى تۇرغۇچى چىرىكلىككە چېتىلغان
نۆۋەتتە خىتايدا چىقىدىغان تور بەتلىرىدە، لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن چىققان سۆز - چۆچەكلەر تارالغان بولۇپ، ئىقتىسادىي دىلو ۋە پارىخورلۇققا تاقىلىدىغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ زىڭ فامىلىيىلىك خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبىرى بىلەن، يۈ فامىللىك ئەمەلدار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن ۋاڭ فامىلىلىك ئەمەلدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
خىتاينىڭ مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچىسى لىن باۋخۇامۇ بۇ ھەقتە ئەركىن ۋاقىت گېزىتىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ"لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ۋەقەسىگە چېتىلىدىغان بىرىنچى مۇھىم ئادەم، مۇاۋىن دۆلەت رەئىسى زىڭ چىڭخۇڭنىڭ ئوغلى زىڭ ۋېي، باشقا ئىككىسى خىتاي سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىدىن بىرى خۇ بېي ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى يۈ جېڭشېڭ، يەنە بىرى شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن" دەپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئوچۇق ئاتىغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنى "چىرىكلىككە - پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش" بولۇپ، مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇل- غۇلا پەيدا قىلدى.
ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدا، خىيانەتچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشتا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە تۇتقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان.
چىرىكلىك دېلوسىنىڭ قۇربانى ئېلشات ھاجى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق مۇاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىنى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، زور مىقداردىكى نەق پۇلغا خىيانەت قىلدى ۋە قېرىندىشى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىيانەت قىلغان پۇللارنى شەخسىي شىركىتى ئۈچۈن ئىشلەتتى دەپ، ئۇنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالاش چارىلىرى قوللانغان ئىدى.
شۇ يىلى ئامان ھاجىنىڭ ئىنىسى، ئېلشات ھاجىنىڭ بېيجىڭدا يۈز بەرگەن سىرلىق ئۆلۈمى، ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، بۇ دىلونىڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز - چۆچەكلەر تارالغان ئىدى.
ئامان ھاجى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئىلشات ھاجىنىڭ شىركەت سودىسى ھەققىدە تولۇق خەۋىرى بار، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى ئىستانسىمىزغا مۇنداق دېدى: "ئىلشات ھاجىنىڭ ئۆلۈمى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئامان ھاجىغا چېتىشلىق مەزكۇر دىلو ۋاڭ لېچۈەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ۋاڭ لېچۈەن ئالدى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ئېلشات ھاجىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئامان ھاجىنى دىلونىڭ باش جىنايەتچىسى قىلىپ بېكىتتى. ئېلشاتنىڭ بېيجىڭغا ئالداپ ئېلىپ كېلىنىشى، ۋاڭ لېچۈەنگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ زور ئىقتىسادىي دىلونىڭ چەتئەلدە تارىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئېلشات ھاجى كانادا پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئامان ھاجىنى ئىنىسىغا تېلېفۇن ئۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ دەرھال بېيجىڭغا كېلىشنى بۇيرىغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلشات ھاجىنى "تۇيۇقسىز يۈرەك كېلىسى سەۋەبىدىن ئۆلدى" دېگەن ساقتا ۋەقە توقۇپ چىققان ".
ئامان ھاجى ئەسلىدە ۋاڭ لېچۈەن تەرىپىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئامان ھاجى دىلوسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۈس قىلغان ئاساسلىق خىتاي كاتتىۋېشى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باش كاتىبى ئالىم سېيتوف ئەپەندىزىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدە توختالدى.
ۋاڭ لېچۈەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر ئىقتىسادىي دىلو، شەندۇڭ لۇنىڭ گۇروھىنىڭ 73 مىليارد 800 مىليون يۈئەنگە يارايدىغان 6. 91 پىرسەنتلىك پاي چىكىنى ئىككى خۇسۇسىي شىركەتكە 3 مىليارد 700 مىليون يۈئەنگە سېتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن خىيانەتچىلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇشتا داڭق چىقارغان ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بۇ جىنايىتى ئاشكارىلىنىپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جازالىنىشىنى كۈتمەكتە. (ئەقىدە)