يېقىندا خىتايدا چىقىدىغان "مالىيە" ژورنىلى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە، 73 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق قىممەتكە يارايدىغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى لۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ 91 % لىك پاي چېكىنى ئىككى خۇسۇسىي شىركەتكە 3 مىليارد 700 مىليون يۈئەنگە سېتىۋېتىش ۋەقەسى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەننىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.
ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتا چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇدىغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك، مىللەتچىلىك ۋە دىنىي رادىكال دىگەن قالپاقلار بىلەن باستۇرۇشتا داڭ چىقارغان خىتاي ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخى تەتقىقاتچىسى ۋە ئىستانسىمىزنىڭ تەكلىپ قىلىنغان خىتاي ئوبزورچىسى لىن باۋخۇئا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ۋاڭ لېچۈەن ھەققىدە توختالدى.