1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خىتايدا چىقىدىغان "مالىيە گېزىتى"دە خىتايدىكى ئەڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان "لۇنېڭ" شىركىتىنىڭ 70 مىليارد يۇەن مەبلىغى ئاللىقاچان شەخسىيلەرنىڭ ھېسابىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر چوڭ چىرىكلىك دېلوسى پاش قىلىنىپ، بۇ دېلونىڭ ۋاڭ لېچۇەنگىمۇ چېتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" قاتارلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى رەھبىرى كادىرلاردىكى چىرىكلىشىشنى تەنقىت قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما ۋاڭ لېچۇەن، شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كادىرلارغا ناھايىتى جىددىي تەلەپپۇز بىلەن "چۇقۇم توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىنى داغدۇغا قىلىپ چوڭ ئۆتكۈزىدىغان خاھىشىنى توختىتىش كېرەك، بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلار بۇنداق خاتالىق بىلەن يېقىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم" دەپ جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە ھازىر توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىنىڭ بارغانسىرى چوڭ ۋە داۋىراڭ سېلىپ ئېلىپ بېرىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى ۋە بۇنداق مۇراسىملارنىڭ پۇل توپلايدىغان ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، "بۇنىڭدىن كېيىن توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىنى داغدۇغا قىلىپ چوڭ ئۆتكۈزىدىغان يامان ئادەت ئۆزگەرتىلىشى، ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، ئۇنىڭغا قاتنىدىشىدىغان ئادەم پەقەت ئۇرۇق-تۇغقان دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، داغدۇغا قىلىنماسلىقى لازىم" دەپ تەكىتلىگەن.
ۋاڭ لېچۇەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ يامان ئادىتى بىلەن خەلقنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پەرقلەندۈرمىگەن
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەنىدىنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن قىلغان سۆزىدە خىيانەتچى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەرخىل مۇراسىملاردىن پايدىلىنىپ پۇل توپلايدىغان يامان ئادىتى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرمىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىيانەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشنى باھانە قىلىپ، خەلقنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش قانۇنسىزلىق.
ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇيرۇقىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى كوچىلارغا چىقىپ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى توسۇپ، ئاختۇرۇپ ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغان
ۋاڭ لېچۇەن "توي-تۈكۈن، ئۆلۈم-يېتىم مۇراسىملىرىنى داغدۇغا قىلىپ چوڭ ئۆتكۈزىدىغان يامان ئادەتنى توسۇش لازىم" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى كوچىلارغا چىقىپ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى توسۇپ، ئاختۇرۇپ جەمئىيەتكە قارىتا ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىغان. (ۋەلى)