ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى


2006.10.16
wanlequan.jpg

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىنىي پائالىيەتچىلىرىنى تېررورچىلار بىلەن بىر قاتاردا جازالاش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دىن بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى سەۋەبچى بولغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەبىرلىرى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇلار دىننى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر ئۈچۈن قوللانماقتا، دەپ تەنقىتلىگەن.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تەقۋادار مۇسۇلمانلار ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىشىغا بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا دىننى باھانە قىلىپ قوللانغانلىقى سەۋەبچى بولغان". ۋاڭ، "بۇ كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ تەقۋادار ئەگەشكۈچىلىرى ئەمەس،" دەيدۇ.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت تۇغقانچىلىقى بار مەزكۇر مۇسۇلمانلار رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كونترولى يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا، دەپ تەكىتلىگەن.

UAA: ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىنى ئاساسسىز

ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزى شۇ كۈنىلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇ كۈنى رادىئومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىنى "ئاساسسىز" دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما مۇدىرى ئەمى خانىم، "كىشىلەرنى دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، دەپ ئەيىبلەش پۈتۈنلەي ئاساسسىز. چۈنكى خىتاي دىندار كىشىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلەر، دەپ باستۇرۇپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ - كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق تۈردە باستۇرماقتا" دەيدۇ. ئەمى خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. ئۇ، "كىشىلەرنىڭ مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلىشى چەكلىنىپلا قالماي، ئۆيىدە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ چەكلەنمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.

بىر دېھقان: مەسچىتكە كىرىدىغانلار مەخپى تىزىملانماقتا

mechqit-diniy-erkinlik.jpg
مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ تېمىغا چاپلانغان بەلگىلىمە. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيىتى ئۇنىڭغا قارشى بولماقتا.

گەرچە ۋاڭ لېچۈەن، رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن رايوندىكى يەرلىك خەلقلەر ، پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم - تەربىيە بېرىش، روزا تۇتۇش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا مەسچىتكە كىرىدىغان نامازخانلارنىڭ ئىسمى مەخپىي تىزىمغا ئېلىنماقتىكەن. ئاۋاز( ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىلقى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا،خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. دوكلاتتا، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، بېشىنى ئۆرتۈشكە ئوخشاش دىنىي پەرھىز ۋە قائىدىلەرنى ئادا قىلىشى چەكلەنمەكتە، دەپ تەكىتلەنگەن ئىدى. يۇقىرىقى دىھقان رادىئومىزغا مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىش چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" بۇ مېنى ناھايىتى ئازاپلىماقتا " دەيدۇ.

ۋاڭ لېچۈەن: مەدەنىيەتنى قوغداش ھازىر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئەمەس

ۋاڭ لېچۈەننىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، مەدەنىيەتنى قوغداش خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە ھېسابلانمايدىكەن. ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى مۇھىم خىزمىتى "پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش" دەيدۇ. ۋاڭ لېچۈەن، "بۇ يەردىكى رېئاللىق شۇكى ، مەدەنىي تۇرمۇش كىشىلەرنىڭ قارنى تويۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئەگەر كىشىلەرنىڭ قورسىقى تويمىسا، ھېچكىم ناخشا ئېيتىش ياكى ئۇسۇل ئويناشنى خالىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلار، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇقى پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوپ، ۋاڭ لېچۈەننى مەدەنىيەت "ناخشا - ئۇسۇلدىن ئىبارەت ئەمەس" دەپ ئەيىبلىدى.

ۋاڭ لېچۈەن دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى رەھبىرى، بۇ يىلقى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر خانىمنى تەنقىد قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيتوپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

رابىيە قادىرنى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەنېكسون خانىم نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ، رابىيە قادىرنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىش سەۋەبىنى "ئۇنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن جاسارىتىنى تەقدىرلەش" دەپ تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ، چەتئەللىكلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىدى، دېگەن ئەيىبلىنىش بىلەن 5 يىل تۈرمىدە ياتقان رابىيە قادىر، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك شەخسكە ئايلاندى " دەپ يازغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.