ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ؟
2006.03.28

خىتايدا پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلە -تەۋەلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت كابىنتى ئىشخانىسى قاتارلىقلارمۇ بۇ ھەقتە 5-6 قېتىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ بولدى. بەزى جايلاردا ھەتتا بۇ جەھەتتە مەخسۇس سىناق ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما بۇ خىزمەتنى يولغا قويۇش مۇمكىن بولمىدى.
ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلغان ھۆكۈمەت باشلىقلىرى
'خىتاي ئۇچۇر مەركىزى' خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 15 -كۈنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پارتىيە -ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى 3 -ئاينىڭ 28- كۈنىدىن بۇرۇن تامامەن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇشتا ھەممە رەھبىرىي كادىرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويۇپ يېزىپ تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. نەتىجىدە 25 نەپەر سىياسىي بيۇرو ئەزاسىدىن 11 كىشى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىرى خۇاڭ جۈ، يەنە بىرى لى چاڭچۈن. سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىدىن ۋاڭ جاۋگو، چېن لىياڭيۈ، خۇي لىياڭيۈ، ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق 9 كىشى بۇ ئۇقتۇرۇشنى رەت قىلغان.
188 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىىنىڭ 60 نەچچىسى قوشۇلغان، قالغان 120 نەچچىسى رەت قىلغان. 158 نەپەر مەركىزى كومىتېت كاندىدات ئەزاسىنىڭ ئىچىدە 83 ى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان. 31 ئۆلكە ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، خەلق قورۇلتېيى، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىدىن 100 دەك ئادەم ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان.
'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا بايان قىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى ئەزالىرىنىڭ 48% ى، مەركىزى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 3 تىن 2 قىسمى، مەركىزى كومىتېت كاندىدات ئەزالىرىنىڭ 50% ى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ 78% ى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئەمەلدارلارنىڭ 100% ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلماقتا.
خۇ جىنتاۋ قول ئاستىدىكىلەرگە گېپىنى ئاڭلىتالامدۇ
بەزى ئوبزورلاردا "خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى خىيانەتچىلەرنى جازالايمىز دەۋاتقىلى 20 يىل بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ پارتىيە ئۆزى 'كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش' دېگەن خالتا ئىچىدە سېسىپ، خىيانەتچىلەر پارتىيىسىگە ئايلىنىپ قالدى" دەپ بايان قىلىنغان. يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر "ھازىر جەمئىيەتتە خىيانەتچىلەرنى پاش قىلىش ھەرىكىتى ئەۋج ئالماقتا. ئەگەر خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا گېپىنى ئاققۇزالمىسا، كوللېكتىپ ھالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك" دېگەن.
ۋاڭ لېچۇەن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدۇ؟
ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىممۇ يېقىندا خىتايدا مەركىزى ھۆكۈمەت مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى ۋە ئالدى بىلەن ئەمەلدارلاردىن بۇ ئۇقتۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ "خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بىر خىل ئىلگىرىلەش دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىيانەتچىلەرنى جازالاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ راس -يالغانلىقى، ئەمەلگە ئاشىدىغان ياكى ئاشمايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم، بۇنى ئەمدى كۆرىمىز" دېدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە -تەۋەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خۇسۇسىي مۈلكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۆزى ئېنىق بىلىدىغان پاكىتلارغا ئاساسەن تەھلىل قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن مەركەزدىكى ئۆزىدىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىيانىتى بارلىقىنى بىلىدۇ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۆزى ۋە ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئۇلار بىلەن كۆپ جەھەتتە شىرىك، شۇڭلاشقا ۋاڭ لېچۇەن مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى قورقماي رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ۋاڭ لېچۇەن ئۇز شىرىكلىرىدىن قورقسا كېرەك. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان دوكلاتىغا ئىنكاس
- خىتايدىكى "ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھادىسىلەر" ھەققىدە مۇلاھىزىلەر
- خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ھېسابات مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەپ- ئىچىش شامىلى كۈز كىرىشى بىلەن يەنە كۈچەيدى
- قەھرىمان غوجامبەردى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى
- مۇتەخەسسىسلەر "ئۈچ خىل كۈچ" ھەققىدە توختالدى
- خىتاي دائىرىلىرى نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ قارمىقىدا "رابىيە قادىر ئىشخانىسى" تەسىس قىلدى