ۋانكوۋېردىكى ئۇيغۇرلار تىبەت ئېيى پائالىيىتىدە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2009.03.10
2009.03.10
RFA Photo / Kamil Tursun
پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ مۇراسىمدا، سۆز قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندى قىلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتلىكلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقلەرگە ئالاھىدە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.
يىغىننىڭ رەئىس سەھنىسىدە، كانادا دۆلىتىنىڭ ۋە تىبەتنىڭ مىللىي بايراقلىرىنىڭ قاتارىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ قويۇلغانلىقى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ۋانكوۋېردىكى مەزكۇر پائالىيەت توغرىسىدا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋانكوۋېر شوبىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەرجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.