مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن تېخى بۇ سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەر ماشىنا ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. تۈرك دۇنياسىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى بولغان مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئەتىگەن كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا قايغۇ ياراتتى.
يارىلانغان مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەر نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان
قاتناش دائىرىلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەتىگەن سائەت 7:30 دا ئەنقەرەنىڭ ئەسەنبوغا يولىدا ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغان مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەر نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باش سېكرىتارى جىھان پاچاجى خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ: "مەھمەت جىھات ئۆزۆندەرنىڭ ئىستانبۇلدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ۋە بۈگۈن ئەتىگەن ئىستانبۇلغا مازباتاسىنى ئېلىشقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: مەھمەت جىھان ئۆزۆندەر ئىنتايىن قىممەتلىك ئاكادىمىست ۋە قىممەتلىك ئىنسان ئىدى. ھەممىمىزگە سەبىر تىلەيمەن،" دېدى.
ئۇ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپلا تۈرك دۇنياسىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى
1947-يىلىدا دۇنياغا كەلگەن پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر 1971-يىلىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمىنى پۈتتۈرۈپ مەزكۇر ئۇنۋېرسىتىتا خىزمەتكە باشلىغان ئىدى. ئۇ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپلا تۈرك دۇنياسىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى. ئۇ مانىسا ساھىلىدىكى 1954-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن قازاق كۆچمەنلىرى ۋە بۇلغارىستان كۆچمەنلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-مەدىنىيەت قۇرۇلمىسى تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى.
پروف.در. مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر بۇ ئىلمىي ماقالىسىدە كەڭ جۇغراپىيىگە تارقالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي-مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى، ياشاۋاتقان رايونلىرىدىكى مەسىلىلىرى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلپ بارغان. ئۇ 1981-يىلىدا كورىيىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كورىيەدە ئىككى يىل دەرس بەرگەن ۋە تۈرك مەدىنىيىتىنىڭ كورىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان ئىدى.
1992-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر ئۇزۇن يىل جەمئىيەتشۇناسلىق بۆلۈمىدە مۇدىر بولغاندىن كېيىن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتىتىدا تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى ۋە سىتراتىگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزىنى قۇرغان. ئۇ يەنە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشىغا بىر كىشىلىك ھەسسسىنى قوشۇش ئۈچۈن 1991-يىلى كۆك ئىجتىمائىي ۋە ستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ يەنە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە يۈزلەرچە خىزمەت پىلانىنى يولغا قويۇپ بۇ پىلانلارنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بۇ خىزمەت پىلانلىرى ئىچىدە خىتايدا ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر خىزمەت پىلانىمۇ بار ئىدى.
مەرھۇم ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتى
مەرھۇم مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ يەنە كۆك ۋە تۈركولوگىيە جورنىلىنى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلەرگە يەر بېرەتتى.
بۇلاردىن باشقا پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر 2002-يىلى 1-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى بولۇپ، پۈتۈن تەييارلىقلار ئاخىرلىشىپ يىغىن ئېچىلىشقا 5 كۈن قالغاندا تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىلىكى بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتۇرماسلىق ئۈچۈن ئۇنۋېرسىتېت مۇدىرلىكى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر بۇ يىغىننى ئاچالمىغان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك يەرلەردىن ئالغان مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، بۇ يىغىن تۈپەيلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كىرىزىس چىقىشقا ئاز قالغان ئىكەن.
مەھمەت جىھات ئۆزۆندەرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار قاتتىق قايغۇغا چۆمدى.
بىز پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزۆندەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، تېلېفون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز. (ئەركىن تارىم)