ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

10-ئاينىڭ 3- كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.10.03
washingtonDC-manayish-1-octebir-305.jpg ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.
RFA

بۇ نامايىشقا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ئەتراپىدىكى شتاتلار ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

washingtonDC-manayish-1-octebir-385.jpg
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. 2011-يىلى 3-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا.
RFA

نامايىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغانلىقىغا 62 يىل تولغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر بېسىم ۋە دەپسەندە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.