خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ۋاشىنگتوندا نامايىش


2007-10-01
Share

2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئامېرىكا، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىش. RFA Photo

بۈگۈن 1-ئۆكتەبىر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 ‏- يىللىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 ‏-يىللىق خاتىرە كۈنى. بۈگۈن يەنە ، 1944 ‏- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىگە خاتىمە بېرىلگىنىگە 58 يىل بولغان كۈن.

بۇ كۈن ئۇيغۇر سياسىي تارىخىدا زور بىر بۇرۇلۇش پەيدا بولغان كۈن. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، بۇ كۈننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نامايىشقا تەشكىللىدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ ۋاشىنگىتون ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىششى بىلەن يىللاردىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ۋاشىنگتوندىكى مەزكۈر نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئۈمۈدۋارنىڭ نامايىش مەيدانىدىن بەرگەن مەلۇماتىدىن ئاڭلايلى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت