يادرو بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

پرېزىدېنت باراك ئوباما 12 ‏- 13 ‏- ئاپرىل كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىشقا دائىر خەلقئارالىق يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقچى بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا ئاتوم ساھەسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە بۇ پائالىيەتلەرگە يېڭىدىن قاتنىشىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ئارىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال تېررورچىلىقىنى يوقىتىپ خەلقئارالىق بالايى ‏- ئاپەتلەردىن ساقلىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ھەمدە يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توختىتىش يولىدا كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 45 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۇزۇندىن بۇيان پىلان قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆتكەن يىلى ئاپرىل ئېيىدا پراگدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، دۇنيانى قورالسىزلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەلقائىدە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك گۇرۇھلار قىرغىنچىلىق قوراللىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتوندا 45 دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئۇشبۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن باراك ئوباما، يەنە، قورال ياساشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان شۇنىڭدەك ياساۋاتقان دۆلەتلەر ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى.

"نازارەت قىلىش سۇسلاشقاندا، تەھدىتلەرنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ" دېگەن ئامېرىكىدىكى خەۋەپسىزلىك مۇتەخەسسىسى ئالېكساندىرا توما ئەپەندى " :يادروۋىي تېررورچىلىق بۈگۈن ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي ۋە مۇھىم بىر مەسىلە، ئەلقائىدە 90 ‏- يىللاردىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يادرو قوراللىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى،" دەيدۇ.

ئالېكساندىرا توما ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "يادرو تېخنولوگىيىسى ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە توختالغاندا، دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە، يادرو قوراللىرى زادى قەيەردە، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ساقلىنىۋاتىدۇ ۋە مىقدارى قانچىلىك دېگەن مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بۇ جەھەتتە ھېسابات بەرمەيدۇ."

سياسىي مۇلاھىزىچى كېن لوڭئو "سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ۋە سوۋېتلەر ھەربىي خامچوتلىرىنى بىر بىرىدىن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇپ كەلدى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە پاكىستان ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھەم شۇ ئەھۋال، ئىسرائىلىيىنىڭ يادرو قوراللىرى توغرىسىدا مەلۇمات يوق" دېگەن، ھەمدە يەنە، "يادروۋىي تېررورچىلىقىنىڭ خەۋپ سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپچىلىكنى ئىشەندۈرۈش قېيىن، ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىق يوق، راۋاجلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆز تەشۋىشلىرى بىلەن بەند بولۇپ كەتكەن،" دەپ ئەسكەرتكەن.

كېن لوڭئو يەنە، بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن كونكرېتنى قەدەم ئېلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ "يادروۋىي ماتېرىياللار خەۋپسىزلىكى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، قايسى دۆلەتلەر نېمىگە جاۋابكار ۋە بۇنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ جەھەتتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك" دەيدۇ.

مەتبۇئاتلاردا يەنە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللارنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە ئاساسەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىۋنىڭ بۈگۈن پراگدا ئۇچرىشىپ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش توغرىسىدا شەرتنامىغا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى تۇردى غوجا ئەپەندى، ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان "يادرو بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى" نىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇردى غوجا ئەپەندى يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى يادروسىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيسىنىڭ شەرتى ئاستىدا، خىتاي بىلەن يېقىنلىق سىياسىتى قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت