قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇللىرىنىڭ بىر نەچە ئاينىڭ ئالدىدا ،ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان زىيارىتىگە جاۋابەن ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىغىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئالدىنقى ھەپتىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلغانىدى. بۇ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتايلار ئۈچۈن نازۇك ئورگان ھېسابلانغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئورنىنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغاننۇ ، ئامما قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە سۇئال سورىشىغا يول قويمىغان.
كانادادىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سادالىرىنى يوقۇتۇپ تاشلاش، دەپ قارىماقتا.