ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ شۇنىڭدەك يەنە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئالماتادىن ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىپى بويىچە قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىر ھەپتىلىك زىيارەت ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسۇللىرىدىن ئەخمەتجان شاردىنوپ، دىلمۇرات قۇزىيېۋ قاتارلىقلار ساھىپخانلىق قىلغان. بۇ ئۆمەك 2-نويابىر كۈنى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى غوجا ئەخمەت ساددۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ھەر ساھەنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر مەركەزنىڭ ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئۇيغۇرستان خەلق پارتىيىسىنىڭ مەسۇلى قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قەھرىمان ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ تۈپ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ئەسلىدە ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ 1996-يىلى بېكىتكەن 7-نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مۇھاجىرلىرى كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىمۇ جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى دەپ ھېساسبلىماقتا، قەھرىمان ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ نەزەرىيىسىگە قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)