قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قازاقىستان زىيارىتىگە ئىنكاسى
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، يېقىندا قازاقىستاندا بىر ھەپتىلىك زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا رىياسەتچىلىكىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاندىكى سەپىرى جەريانىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان.
بۇ ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ماختاپ، مەدھىيلىشىگە ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىگە سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە سۇئال سورىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەكىللىرى قازاقىستاندا
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالماتىغا قايتتى(2)
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالماتىغا قايتتى(1)
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇرات ئەخمىدىنى زىيارەت
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاينىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خادىمى مىندى لايمۇر بىلەن سۆھبەت
- نازىلىيە يۇسۇنىۋا غۇلجىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى