خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ قازاقىستان زىيارىتى غۇلۇ-غۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىتىنىڭ مەقسىدى نېمە؟ بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسۈتۈشى مۇمكىن؟

بۇ سۇئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.