
خىتايدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك 10 - قۇرۇلتاينىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاياقلاشتى. مەزكۇر يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە "جۇڭگودىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ئىزچىل ھالدا تەرەققىي قىلماقتا، ھازىر بىزدە تورداشلار سانى 100 مىليوندىن ئاشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر زامان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىماقتا" دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى كونكرېتنى دىلولار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى.
ۋېن جياباۋ پەقەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى قانۇن - تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى شۇنداقلا "دۆلەت، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپ مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە "تور بەتلەر ئۇچۇر تارقىتىشتا ئاممىنى خاتا يولغا باشلىماسلىقى كېرەك، جەمئىيەت تەرتىپىگە يامان تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن.
ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرى مەسئۇلى جۇلىيان ۋېنجياباۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى :
"بۇ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئىش ئەمەس. ھازىر ھەممە ئىش ناھايىتى ئېنىق بولدى. بىز دەسلەپتە تېخى خىتايدىكى بۇ يېڭى تەختكە چىققان رەھبەرلەرنى بىر قەدەر تەرەققىيپەرۋەر ۋە شۇنداقلا مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە بىر قەدەر يول قويۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە ۋېن جياباۋ ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار تەختكە چىققاندىن بۇيان، مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرى جياڭ زېمىن مەزگىلىدىكىدىنمۇ قاتتىق كونترول قىلىنماقتا".
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىر ئىككى چوڭ بېسىم ئاستىدا
ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور شيا مىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرگىزمۇ مەتبۇئات كونتروللىقىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: "خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىر ئىككى چوڭ بېسىم ئاستىدا قالدى، يەنى، بىرى، كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى، يەنە بىرى بازا ئېھتىياجى. مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھازىر بىر تەرەپتىن تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلمىسا بولمايدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بازار ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان".
مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەتبۇئاتنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بولسا "خىتاي دۇنيا بويىچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئوخشىمىغان پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنى ئەڭ كۆپ قولغا ئالىدىغان دۆلەت " دەپ كۆرسەتكەن.