مەككىدىكى ئۇيغۇر ۋەخپە بىنالىرىنىڭ تارىخى


2007.06.06

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەرد، سېخى، قولى كەڭ مىللەت بولۇپ، بۇ خۇسۇستا باشقا مىللەتلەرگە ئۈلگە يارىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن بېرەر مېھنەت، بېرەر تۆھپە قالدۇرۇپ كېتىشنى مىللىي ۋە دىنىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ. ئۆزلىرى قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پۇل - مېلىنى، كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى بېغىشلاش ئۇيغۇرلارغا خاس ئېسىل پەزىلەتلەردۇر. بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئاددىي بىر مىسالنى ئالساق، ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەرەم سەپىرىگە ئاتلانغانلىرى مۇساپىرچىلىقنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ھەج سەپىرىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتىن، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنىڭ شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەشەمەتلىك بىنالىرىنى سېتىپ ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەرەمگە كېلىدىغان كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ۋەقىپ قىلىپ قويغان ئىكەن.

مەككىدىكى رىباتلار

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيىلىرىنىڭ نامىدا ۋەقىپ قىلىنغان بىنالار كۆپتۇر. ۋەقىپ بىنالىرى بۇ جايدا"رىبات" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى ۋەقىپ بىنالىرى "قەشقەر رىبات"، "كۇچار رىبات"، "ئاتۇش رىبات"،" خوتەن رىبات"، "قاغىلىق رىبات"،" شاھيار رىبات"،" ئۇچات رىبات" دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇردۇر. ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سېخىيلىقى، مەرتلىكى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ رىباتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر پاناھلىنىش ئورنىغا ئايلانغان.

بۇ رىباتلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھاجىلار يېتىپ قوپىدىغان جاينىڭ غېمىنى قىلمايدۇ. ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە كەلگەن ھامان بۇ رىباتلارغا خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندەك راھەت كىرىپ ئورۇنلىشالايدۇ. باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مېھمان كۈتۈشلەردە يېتىشقا مەجبۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇق چىقىم تارتمايدۇ.

ئاتۇش رىبات

مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر رىباتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخلىرى ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلىكلىرى ھەقىقەتەن قىزىقارلىقتۇر. مىسال ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ئاتۇش رىبات ئۈستىدە توختىلىمىز.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ھاجىم ئاتۇش رىباتنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

" مۇندىن تەخمىنەن 80 يىل ئىلگىرى ئاتۇشتىن ئابدۇراخمان تاش دېگەن بىر ئادەم مەككىدە ئاتۇشلۇق ھاجىلار نامىدا بىر ۋەقىپ بىناسى سېتىپ ئېلىش ئۈچۈن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن. كېيىنچە بۇ پۇل تىجارەت بىلەن ئۆستۈرۈلۈش نەتىجىسىدە كۆپىيىپ، مەككىدىكى كونا ئاتۇش رىبات سېتىپ ئېلىنغان ئىكەن."

ئاتۇشلۇق سودىگەر ئابدۇراخمان تاش، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇپ ئاتۇش رىباتنى ئالدۇرغان

ھەرەمدىكى ئۇيغۇرلار دېگەن تېمىدا بىر قانچە كىشىنىڭ تارىخىنى توپلىغان ئەھمەد ئەپەندى ئاتۇش رىباتنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىنى بىر قەدەر تەپسىلى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ. " 1930- ياكى 1931- يىللىرى ئاستىن ئاتۇشلۇق سودىگەر ئابدۇراخمان تاش دېگەن كىشى سودا ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدا، ئاقسۇدىكى بىر دەڭدە ھەج سەپىرى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان كۇچارلىق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ.

ئابدۇراخمان ھاجىم ئۇ كىشىگە: " مەن ساۋابلىق ئۈچۈن مەككىدىن بىر رىبات ئېلىپ قويۇشقا بىر مىقداردا پۇل توپلىغان ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بارالمايدىغان ئوخشايمەن. بۇ پۇلنى سىلىگە بەرسەم، ئۇنى مەككىدە بىرەر ئاتۇشلۇققا بېرىپ قويسىلا، ئۇنىڭغا ئاتۇشلۇق ھاجىلار ئۈچۈن بىرەر رىبات ئېلىپ قويغان بولسا" دەپ ئۆتۈنۈپ پۇلنى تاپشۇرىدۇ.

ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پۇلىغا ئېلىنغان جاي ئابدۇرېھىم قارىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەككىنىڭ مەسفەلە ماجىد مەھەللىسىدە كونا ئاتۇش رىبات بولۇپ قالغان ئىدى. 1987- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئورنىغا يول ۋە كۆۋرۈك سېلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بۇ رىباتنى يىقىتىپ تاشلاپ ئۇنىڭ بەدىلىگە 4 مىليون رىيال(600،000 دوللار)پۇل بەرگەن ئىكەن. 1988- يىلى مەككىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇل ئەزىز ھاجىم بىلەن قاسىمجان ھاجىملار باشچىلىقىدا ئىئانە توپلىنىپ 600،000 رىيالغا يېقىن پۇل يىغىش قىلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ 4 مىليون ئالتە يۈز مىڭ رىيال پۇلغا ھازىرقى ئاتۇش رىباتنى سېتىپ ئالىدۇ.

بۇ رىباتنىڭ بىناسى ئەسلىدە يېڭىسارلىق ئابباس ھاجىم دېگەن كىشىنىڭ بىناسى بولۇپ، ئۇ كىشى ئاپتوموبىل قازاسىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىراسخورلىرى بۇ بىنانى ئاتۇش رىباتنى ئالغۇچىلارغا سېتىۋەتكەن ئىكەن. ھازىر بۇ رىبات ئاز دېگەندە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يارايدىكەن.(ئۆمەرجان توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.