يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان.
قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ سەپەردىن قايتىشى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ئۆمەك ئەزالىرى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.
"ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىدە ۋە ھەپتىدە بىر بېرىلىدىغان 20 مىنۇتلۇق "ۋىسال" تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتتە بولۇپ كەلگەن ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ تەسىراتلىرى بېرىلگەن بولۇپ، تېلېۋېزىيىدە كۆرسىتىلگەن پروگراممىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلەردىكى بىرمۇ خىتاي كۆرۈنمەيدىغان كوچىلار ۋە ئىگىز بىنالار يۈزلىرىدىن تەبەسسۇم يىغىپ تۇرغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر كۆرسىتىلگەن.
پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى راشىدىن ئەپەندىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان ۋاقتىدىكى كۆرگەنلىرى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ساياھىتىنىڭ تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلىرىنى سېلىھتۇرۇپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.