دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە دۇنيانى ئاگاھلاندۇردى


2005.12.13

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، يەر شارى ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنداقلا قۇش زۇكۇمى، سارس قاتارلىق يېڭى تۈردىكى كېسەللىكلەرنىمۇ دەل مۇشۇ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتايدا پەيدا بولغان سارس كېسىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ياۋايى ھايۋان گۆشىنى يېيىش ئارقىلىق ئادەمگە يۇققانلىقى پەرز قىلىنغان. گۇئاڭجۇ بىرىنچى دوختۇرخانا نەپەس بۆلۈمى دوختۇرى سىڭ جۈن "تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى سارس كېسىلى سېسىق قوزاندىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈرگەن.

قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپى يېزىدىن كەلگەن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش بازارلىشىپ كەتكەن. بىر قىسىم چوڭ توخۇ فېرمىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنداقلا كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ توخۇ فېرمىسى ئەتراپىدا ياشاۋاتقانلىقى قۇش زۇكۇمىنىڭ تارقىلىش ئېھتىمالىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

گۇئاڭجۇ بىرىنچى دوختۇرخانا نەپەس بۆلۈمى دوختۇرى سىڭ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەل تارىخىغا قارىغاندا، بىمارلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يېزىدىن كەلگەنلەر بولۇپ ئۇلار كېسەل توخۇ بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولغان. بۇنى ئاز دەپ، بىر قىسىم يېزا ياكى چەت رايونلاردىكى دېھقانلاردا كېسەل بولۇپ قالغان ھەتتا ئۆلگەن توخۇنى سويۇپ يەيدىغان ئادەت بار ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدا يەنە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى پەقەت ياۋايى ھايۋان ياكى ئۆي قۇشلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى بۇلغانغان سۇ بىلەنمۇ ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇلغانغان سۇنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

خىتايدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر

خىتايدىكى مۇھىتنى ئاسراش پائالىيەتچىسى ياڭ شىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كۆپلىگەن دەريا ‏- ئېقىنلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇلغانغان بولۇپ، 300 مىليون ئادەم ئىچىملىك سۇدىن بەھرىمان بولالماي كەلگەن.

ياڭشىڭنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئىچىملىك سۇ ھەممىلا جايدا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، پەقەت چاڭ جياڭ دەرياسىنىڭ ئۆزىدىلا بۇلغانغان سۇنىڭ مىقدارى 200 مىليارد توننىدىن ئېشىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن پاسكىنا سۇنى ئىستىمال قىلغۇچىلار ئارىسىدا، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپ بولغۇچىلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريا - ئېقىنلارمۇ زور دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، 5 مىليونغا يېقىن كىشى تا بۈگۈنگە قەدەر دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان سۇنى ئىستىمالقىلىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى دېھقانلار ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇدىكى بىر دېھقان ئۆزى تۇرىۋاتقان يېزىدىكى 70% دېھقاننىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا كۆل سۈيى ئىچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.