دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا خەلقىنى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى


2005.10.05

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ كىرىمى تۆۋەن ياكى ئورتا ھال بولغان دۆلەتلەردە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ۋە مەزكۇر كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا خەلقىنى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا "ھازىر دۇنيادا مىليونلىغان كىشىلەر يۈرەك كېسىلى، سەكتە كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانماقتا ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا" دەپ ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يەنىلا ئالدىنى ئالغىنى بولىدىغانلىقى شۇنداقلا دۇنيادا تارقىلىۋاتقان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى توسۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۆلگەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئوتتۇرا ياكى تۆۋەن كىرىمدىكى دۆلەتلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈم باشلىقى روبېرت بەگلىخول (Robert Beaglehole) ئەپەندى "كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەقەت باي دۆلەتلەردىكى بايلاردىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئەڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتلەر كىرىمى تۆۋەن ياكى ئورتاھال بولغان دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، يەنى مەزكۇر كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر سانىنىڭ 80٪ ئى كىرىمى تۆۋەن ياكى ئورتاھال بولغان دۆلەتلەردە بولۇپ، ئاياللار كۆپ ساننى ئىگىلىگەن" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

يېڭى ئىنگلانلار مېدىتسىنا ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا، خىتايدا ھازىر يۈرەك كېسىلى، سەكتە كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە تۈرلۈك راك كېسەللىكلىرى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ھەمدە بۇنداق بولۇشى يۇقىرى قان بېسىم، تاماكا چېكىش ۋە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە : 1991 - يىلىدىن 2002 - يىلىغا قەدەر، خىتايدىكى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى 31٪ ئۆرلىگەن. دىئابىت كېسىلى بولسا 40٪ كۆپەيگەن. دوكلاتتا يەنە، كەلگۈسى 25 يىل ئىچىدە خىتايدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلىدىغانلار سانى 9 مىليونغا يېتىدىكەن ھەمدە كۆپ ساندىكىسى 35 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كۆكرەك راكى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلار شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە

ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆكرەك راكىمۇ ئاياللارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1991 - يىلىدىن 2000 - يىلىغا قەدەر خىتايدىكى كۆكرەك راكى تۈپەيلىدىن ئۆلۈۋاتقان ئاياللار سانى ئىلگىرىكىدىن 40٪ كۆپەيگەن ھەمدە مەزكۇر كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يېزا ئاياللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي راك كېسىلى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈ گۇئاڭۋىي خىتايدا ھازىر ھەر ئون مىڭ ئايال ئارىسىدا تەخمىنەن 45 ئادەمنىڭ كۆكرەك راكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە كۆكرەك راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ 85٪ ئى 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللار ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

ئۇيغۇر ئاياللىرىدا بىخەستىلىك ئېغىر

ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر رايوندا، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسىدا كۆكرەك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلار نىسبەت جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرىلىغان.

مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - تارماق دوختۇرخانا ياتاقخانىسىدىكى كەچلىك نۆۋەتچى دوختۇر مەزكۇر دوختۇرخانىغا ھەر 3 - 4 كۈندە بىر كۆكرەك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ بىمارلار ئۈچۈن بەكلا ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆكرەك راك كېسەللىكى ئەڭ كۆپ بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە دېگىدەك كۆكرەك بېزى ئۆسۈش ئالامىتى بار ئىكەن، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى داۋاملىق ھالدا ئاخىرقى باسقۇچغا يەتكەندە ئاندىن تەكشۈرتكىلى كېلىدىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.