دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2003 ‏- يىلىدىكى سارس ئاپىتى ھەققىدىكى كىتابىدا خىتاي ئەيىبلەندى


2006.05.18
sars.jpg
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. Image courtesy: World Health Organization

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2003 ‏- يىلىدىكى سارس ئاپىتى ھەققىدە تەييارلىغان كىتابى پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتابتا، ۋيېتنام بىلەن سىنگاپورنىڭ 2003 ‏- يىلى پارتلىغان سارس كېسىلى ۋەقەسىدىكى ئىپادىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەينى چاغدا ۋەقەنى يوشۇرغان، بولۇپمۇ دەسلەپكى 3 ئاي ئىچىدە سارس كېسىلىنىڭ تارقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئىزچىل ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ئەينى چاغدا ئەمەلىيەتنى يوشۇرغان

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېزىلغان "سارس ‏- بىر قېتىملىق دۇنياۋى يۇقۇملىنىش ۋەقەسى قانداق توختىتىۋېلىنغان" ناملىق بۇ كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 ‏- يىل ئاخىرىدىن 2003 ‏- يىل بېشىغىچە بولغان جەرياندا، مەملىكەت ئىچىدە ئاپەت بولۇۋاتقان سارس كېسىلىنى كۈچىنىڭ بېرىشىچە يوشۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دېيەلمەي كەلگەن گەپلىرى ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر كىتابتا ئاشكارىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ فىلىپىندا تۇرۇشلۇق ئاسىيا ئىشخانىسىنىڭ سارس ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ۋاقتى 2003 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى ئىكەن. لېكىن خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە، ئەڭ دەسلەپتە 2002 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدىلا سارس كېسىلى پەيدا بولغان ئىكەن ھەمدە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر جاينى "سارس كېسىلى ئەڭ دەسلەپتە تارقالغان جاي" دەپ قارىغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا بۇنى ئىنكار قىلغان. 2003 ‏- يىلى 3 ‏- ئايغا كەلگەندە ۋېتنامنىڭ خېنېي رايونىدا سارس كېسىلى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەزگىلدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يېتەرلىك ياردەم بەرمىگەن. شۇنداقتىمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ سارس كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.

تۈزۈم خاراكتېرلىك ئالدامچىلىق قىلمىش

ئامېرىكا دۆلەت سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ زوڭيى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا سارس كېسىلىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يوشۇرغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى :

"ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئادەمنى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش. ئۇ بىر تۈزۈم خاراكتېرلىك ئالدامچىلىق قىلمىش. سارس كېسىلى ئەڭ دەسلەپتە گۇئاڭجۇدا پەيدا بولغاندا، بۇ ھەقتە ئاددىيلا بىر قىسقا خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. لېكىن، كېيىن ھۆكۈمەت مەتبۇئاتنى باستۇرۇپ، بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشنى چەكلىدى. كېسەل ۋىرۇسى بېيجىڭغا تارقىلىپ بارغاندا، بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلار سارس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى يوشۇرۇپ قويغان، كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېيجىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىنىدا، دوختۇرخانىلار بىمارلارنى ماشىنىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئەپقېچىپ يۈرگەن ھەمدە تېلېۋىزورلاردا ھەدىسە 'خىتاينى بىخەتەر' دەپ جاكارلىغان. مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاخىرىدا ئاشكارىلىمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەندە ئالدىن ئېلان قىلغان. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بالدۇرراق مەلۇمات بېرىپ، تېزدىن چارە ‏- تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسا، ھەرگىزمۇ ئۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىغان بولاتتى ".

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نەشر قىلغان سارس ھەققىدىكى بۇ كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئەينى چاغدا سارس كېسەل ۋىرۇسى خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تارقىلىپ ھەتتا تاشقى دۇنياغىمۇ تارقىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېسەلنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن. پايتەخت بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلار ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا سارس كېسىلىگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. پەقەت 2003 ‏- يىلى 4 ‏- ئايغا بارغاندا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى مەزكۇر مەسىلىگە سەل قاراشنى توختىتىپ، مەملىكەت ئىچىدە سارس كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

مەزكۇر كىتابتا سارس ئاپىتىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ تەجرىبە ‏- ساۋاق ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، "سارس ئاپىتىگە ئوخشاش بۇنداق جىددىي بىر پەيتتە، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئىنتايىن تېز لىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولۇپ، مەسىلىگە سەل قارالسا، دۇنيا خەلقى ساقلىقنى ساقلاشتا زور دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى داۋاملىق يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەننى باستۇرۇپ كەلگەن

ئامېرىكىدىكى دوكتور شيا مىن ئەپەندى " نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا سارس كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى شۇ قەدەر يوشۇردى " دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز كۆز ‏قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

"بۇ يەردىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەب شۇكى، يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى داۋاملىق يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەننى باستۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار يۇقىرىنى ئالداپ كۆز بويامچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە سىياسىي تۆھپە توپلايدۇ. ئۇلار ھەر زامان ئۆز ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشنىلا ئويلايدۇ. شۇڭا داۋاملىق چوڭ ئىشلارنى كىچىكلىتىپ، كىچىك ئىشلارنى يوق قىلىۋىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. يوشۇرالىغۇدەك ئىشلا بولىدىكەن، كۈچىنىڭ بېرىچە يوشۇرۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلمايدۇ. بۇ بولسىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىمۇ ئۆزىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغايدىغان بۇ خەۋەرنى باستۇرۇپ قويغان ".

2003 ‏- يىلى پارتلىغان سارس كېسىلى ئاپىتىدە، مەزكۇر كېسەل 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ، 8000 ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ۋە 800 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.