ۋېن جياباۋنىڭ ئاپەت مەزگىلىدە خەلقتىن كەچۈرۈم سورىشى سەمىمىيمۇ؟


2008.02.11

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئالدىنقى ھەپتە، قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقتىن ئەپۇ سورىدى. بۇ ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىدىكى ئاجىزلىقنى ئېتىراپ قىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقتىن ئەپۇ سوراش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق بىلەن مۇناسىۋەت تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق. بۇ يېڭىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى دۇنياۋى يۈزلىنىش بولغان دېموكراتىك ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ ۋە ياكى يۇز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەلق ئىسيانىدىن ھاكىمىيىتىنى قوغداشنىڭ ۋاقىتلىق بىر چارىسىمۇ؟

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى ھەر خىل

خەلقنى ھۆكۈمەتتىن ئۈستۈن بىلىش، ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى قورال-ياراقنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن تونۇش دېموكراتىك ئەللەرنىڭ قىممەت قارىشىدىكى مۇھىم بىر تەركىپ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن،دېموكراتىك ئەللەردىكى ھاكىمىيەتلەر ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز خەلقىدىنلا ئەمەس، قوشنا ئەللەردىنمۇ ئەپۇ سورىغان.

مەسىلەن، غەربىي گېرمانىيە باش مىنىستىرى كونراد ئادېنار، 1951 ‏- يىلى يەھۇدىيلاردىن ئەپۇ سورىغان ۋە گېرمان ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىگە تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلغان. شەرقى گېرمانىيە پارلامېنتى 1990 ‏- يىلى ئىسرائىلىيىدىن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلاردىن ئەپۇ سورىغان. ئامېرىكا پارلامېنتى 1988 ‏-يىلى، 2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئامېرىكىدىكى ياپونلۇق ۋەتەنداشلىرىدىن ئەپۇ سورىغان ۋە ھەر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا 20 مىڭ دوللاردىن تۆلەم تۆلىگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1990 ‏- يىلى 2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈرمىدە قەتلى قىلىنغان پولشا ئوفىتسېرلىرى ئۈچۈن، پولشادىن ئەپۇ سورىغان. 1992 ‏-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى، F.W.Klerk ئۆتمۈشتە ئىرقىي ئايرىمچىلىق تۈزۈمى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 5 مىليون ئاق تەنلىك پۇقرانىڭ 30 مىليون قارا تەنلىك پۇقرا ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان. 1998 ‏-يىلى كانادا، يەرلىك مىللەتلەر بولغان ئىندىئانلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان.

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەچۈرۈم سوراش

خىتايدا 2008 ‏-يىلىغا قەدەر قوشنا ئەللەردىن ئەمەس، ئۆز خەلقىدىنمۇ ئەپۇ سوراش بولۇپ باقمىغان. پەقەت 2008 ‏-يىلى كىرىشى بىلەن، خىتاي دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقتىن ئەپۇ سورىشى ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم كۆرۈلدى، بۇلار، شەنشى ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ساختا يولۋاس ۋەقەسى ھەققىدە، خىتاي دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ ئاپەتتىن توغرا مەلۇمات بېرەلمىگەنلىكى ھەققىدە، باش مىنىستىر ۋېن جيا باۋنىڭ ئاپەتتىن تولۇق مۇداپىئە كۆرەلمىگەنلىك ھەققىدە بولۇپ، بۇ كەچۈرۈمنىڭ سەمىمىيلىك دەرىجىسى يەنىلا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزە نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي كۆزەتكۈچىلەردىن لۇ جۇنىڭ بايان قىلىشىچە،خىتاي دۆلەت ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ باشلىغى جېڭ چاغان ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى توغرا بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلقتىن ئەپۇ سورىغان. ئەمما كەچۈرۈمنامىسىنىڭ ئارقىسىدا، بۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلغان قار يېغىشىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ھازىرقى زامان تېخنىكىسىنىڭ ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر ئاپەتتىن چەت ئەللەرنىڭمۇ توغرا مەلۇمات بېرىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئەسكەرتىپ، باياناتىنىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئالغان كەچۈرۈمىنى ئىنكار قىلغان.

بۇ كەچۈرۈمنامىنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەچۈرۈم دەپ قارىغان ئاپتور ۋېن جياباۋنىڭ كەچۈرۈمىنىمۇ ئوخشاشلا سەمىمىي ئەمەس دەپ قارايدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي راستىنلا، خەلقنى ھۆكۈمەتتىن ئۈستۈن بىلىدىغان ئىش بولسا ئالدى بىلەن خەلققە ئەركىن سايلام ھوقۇقىنى بەرگەن بولاتتى؛ ئەگەر راستىنلا خاتالىقىنى تونۇش ۋە ئېتىراپ قىلىش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەن بولسا ئالدى بىلەن، تەبىئىي ئاپەتتىن ئەمەس، ئۆزلىرى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي ئاپەت زىيانلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپۇ سورىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر بار، بۇلاردىن بىرى تيەنئەنمېن ۋەقەسى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنى تانكا بىلەن باستۇرغان قىلمىشىنى خاتا دەپ ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، باشقا قىلمىشلىرىدىن ئەپۇ سورىشى خەلقنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ ئارىسىدا يول ئىزدەۋاتىدۇ

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 4 ‏- ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمى ئۆزىنى خەلقتىن ئۈستۈن تۇتۇشقا پىسخولوگىك نۇقتىدىن قادىر ئەمەس. چۈنكى ئالدىنقى ئەۋلاد كوممۇنىست رەھبەرلىك قاتلاملىرى دۇنيادا كوممۇنىزىمنىڭ غەلىبىسىگە شاھىد ئىدى، نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قاتلىمى بولسا، كوممۇنىزىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ شاھىدلىرى، ئۇلار بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ خىتايدا يۈز بېرىشنىڭ پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىگلىك. شۇڭا ئۇلار، ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ چارىسى سۈپتىدە دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ ئارىسىدا بىر ئوتتۇرا يول ئىزدەۋاتىدۇ. ۋېن جياباۋنىڭ كەچۈرۈم سورىشى ئەنە ئەشۇ ئىزدىنىشتىن كىچىك بىر ئىشارەت. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.