ۋىنگىرىيىنىڭ پىش شەھىرىدە تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ۋىنگىرىيىنىڭ پىش شەھىرىدە " تېررور مەسىلىلىرى" ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى گېنېراللار ۋە مۈتەخەسىسىسلەر، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش، تېررورچىلىقنى قانداق بىتچىت قىلىش ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، يەنە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باھانە قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن، شۇنىڭدەك يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پىش شەھىرىدىكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئۆمەر قاناتتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.