خىتاي ۋە ياپونىيە ۋۇيىنىڭ توكيو زىيارىتىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرغانلىقى مەسىلىسىدە بىر- بىرىنى ئەيىبلىدى
2005.05.24

ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى ئەسلىدە دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى بىلەن ئۇچرىشىپ، سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قايتاتتى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كويزومى بىلەن بولىدىغان سۆھبىتىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلىپ، ئۇنى پىلاندىن بىر كۈن بۇرۇن خىتايغا قايتۇرۇپ كەلدى.
ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭچۈەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومىنىڭ يېقىندا " ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" نى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز- قاراشلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇڭچۈئەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كويزومىنىڭ ياپونىيە ئۇرۇشلىرىدا ئۆلگەنلەرنى قويىدىغان " ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى"نى يەنە زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان. چۈنكى مەزكۇر قەبرىستانلىققا قويۇلغانلار ئىچىدە خىتايدا ئۇرۇش " جىنايەتلىرى" نى سادىر قىلغانلارمۇ بار ئىكەن.
كۇڭ چۈئەن سۆزىدە: " ۋۇيىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ياپونىيە رەھبىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە، خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن پايدىسىز سۆزلەرنى قىلدى. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىئارام بولدۇق" دېدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى 17 - ماي كۈنى ياپونىيىگە قىلغان زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن كېيىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن "ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" نى تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كويزومىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرمەكچى
ئامېرىكا ۋىسكانسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى ۋاڭ جيەن ۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە ئۆز- ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، ئاخىرقى مىنۇتتا ۋۇيى بىلەن كويزومىنىڭ ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلىپ، كويزومىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقچى بولغان.
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە كويزومى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، " ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" نى زىيارەت قىلىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي مەسىلىلەردە ئورتاق كۆز- قاراش ھاسىل قىلىشنى ئويلىغان. بىراق بۇنداق ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ۋۇيىنىڭ زىيارىتى پەقەت سودا مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن. كويزومىنىڭ مەيدانى چىڭ بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ كۆرۈشكەندىن، كۆرۈشمىگىنى ياخشىراق" .
كويزومى: سەۋەبى ئېنىق ئەمەس
ئەمما ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومى، ۋۇيىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، ۋۇيى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ يەنە ھەر قانداق ۋاقىتتا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ياپونىيە ئەمەلدارلىرى خىتاينى ئەيىپلىدى
ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قىلمىشىنى دىپلوماتىك قائىدە- يوسۇنغا توغرا كەلمەيدۇ دەپ ئەيىپلىدى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇيىنىڭ زىيارىتىنى توساتتىن ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە، ياپونىيىگە ئۆزرە ئېيتمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزومىغا قىلغان بۇ مۇئامىلىسىنى، ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ بىر قانچە چوڭ شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلاردىكى قوپاللىقلارغا ئوخشاتتى. ياپونىيىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتاي تەرىپىدىن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قىلمىشلىرى پەدەزلەنگەن دەپ قارالغان يېڭى تارىخ دەرسلىك كىتابىنى تەستىقلىشى بىلەن خىتايدا كەڭ كۆلەمدە ياپۇنىيىگە قارشى نامايىشلار كۆتۈرۈلگەن. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇيىنى چاقىرتىپ كېتىشىدىن بىر كۈن بۇرۇنلا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ياپونىيىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ چوقۇم " ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى" نى زىيارەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بولمىسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتى بولسا،ياپون رەھبەرلىرىنىڭ " ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھى"نى زىيارەت قىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسي پائالىيىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.
ۋۇيى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلدى
بۇ ئارىدا، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىپە" نى بىر تەرەپ قىلىش نامى بىلەن ياپونىيىدىن چاقىرتىپ كېتىلگەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇيى، سەيشەنبە كۈنى موڭغۇلىيىگە زىيارەتكە بارغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە كۆڭۈلسىزلىك ياراتتى
- خىتاي ئەمەلدارى ۋۇ يى ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى تۇيۇقسىز ئاخىرلاشتۇردى
- ياپونىيىدە ھازىر خىتايغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنماقتا
- خىتاي، ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا چېتىلغان 16 كىشىنى قولغا ئالدى
- ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن باسقان يەنە بىر يېڭى قەدەم