ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە كۈرەش يولىدىكى 55 يىللىق مۇساپە


2007.08.15

8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ زالىدا يازغۇچى شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى بىلەن پروف. در. سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلىكنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىم شېھىتلەرنىڭ روھىغا سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى، پېنسىيىگە چىققان گېنىرال مەمەت رىزا بېكىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار يېتىشتۈرگەن بۇ ئىككى قىممەتلىك زاتقا يۇقىرى باھالارنى بەردى.

كېيىن، ئەخمەت ئىگەمبەردى بىلەن پروف. در. سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلىك سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىككى زىيالىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تەقدىم قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىغا قۇلاق سېلىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.