تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى


2004.11.09

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

خاتىرىلەش پائالىيىتى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. ۋەخپنىڭ رەئىسى مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتنىڭ يىلدا دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تەپسىلىي خەۋىرىگە دىققەت قىلغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.