قازاقىستاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى
2004.11.12
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى، تارىخچى سابىت ئابدۇراخمان باشچىلىقىدىكى بىر توپ سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەندى.
بۇ پائالىيەتكە ئەينى ۋاقىتتا كۆرەشكە قاتناشقان، ھەر مىللەت جەڭچى – ئوفىتسېرلىرى، يىراق – يېقىندىن كەلگەن مېھمانلار، قازاقىستان ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 300 دەك كىشى قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىدىن ئېلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىملىرىنىڭ يىنىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆز بايراق ئېسىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تارتىلغان فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلدى.
يىغىلىشتا ئەينى ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.