تۇركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنى 1933 - ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈرك ئالىملار، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇخبىرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق. قىرغىز ۋە ئازارى دوستلىرى بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندى سۆز قىلدى. مۇراسىمدا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاھىپ ئەردوۋان ۋە باشقا بىر قىسىم مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى ئالاھىدە تېلېگرام يوللاپ تەبرىكلىدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۇركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نازۇگۇمدىن ئاڭلاڭ