0:00 / 0:00
6 – دېكابىر كۈنى ئالماتادىكى ئابدۇللا روزى باقىيېۋ نامىدىكى 153 - كۆپ ساھەلىك ئۇيغۇر گىمنازىيىسىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە بىلىم ساھەسىدىكى زاتلاردىن بولۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىندا ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن كىشىلەر سۆز قىلىپ، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ نەقەدەر ياخشى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مىللەتنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆگىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىلىشتا مەكتەپنىڭ قىرىق يىللىق تارىخى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن "ئۆچمەس ئىزلار" ناملىق فىلىم ۋە مەكتەپ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەھنىلەشتۇرۇلگەن كۆرۈنۈشلەر ئورۇنلاندى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.