ھىزمەت ئابدۇللىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى


2006.03.03

2-فېۋرال كۈنى، سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىسى، "ئوتلۇق چەمبەر" ناملىق تارىخى روماننىڭ ئاپتورى ھىزمەت ئابدۇللىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ئالماتىدا خاتىرىلەندى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شايىم شابايېف رىياسەتچىلىك قىلدى. قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسى نۇرلان ئورازالىن قاتارلىق بىرمۇنچە ئاتاقلىق يازغۇچىلار ھىزمەت ئابدۇللىننىڭ ئىجادىي تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.