قازاقىستاندا ئاۋۇت ساتاروۋ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى خاتىرىلەندى
2006.11.06
يەتتە سۇ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن قاراتۇرۇق يېزىسى مەرىپەت يۇرتى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. مەزكۇر يېزىسىدىكى ئاۋۇت ساتاروۋ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 85 يىل بولدى. بۇ ئۇزۇن يىللىق مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، يېزىسىدىكى ئامما، جاي جايلاردىن يېتىپ كەلگەن مەزكۇر مەكتەپتىن بىلىم ئالغان زىيالىيلار، ھەر كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ تارىخى بىلىم يۇرتىنىڭ 85 يىللىق شانلىق سەھىپىسىنى تەنتەنە قىلىشتى.
بۇ ھەقتە قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia