د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنى باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق نىڭ يىغىن زالىدا پەيغەمبىرىمىزدۇر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈز بەرگەن "بارىن ئىنقىلابى" نىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ روھىغا دۇئالار قىلىندى. ئاندىن بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.
پائالىيەت داۋامىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىسلام دىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق كۈرىشى تارىخىدا ئوينىغان رولىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن 1992 – يىلى ئىستانبۇلدا "شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى" قۇرۇلۇپ، چەت`ئەللەردە تارقاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر بايراق ئاستىغا جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بارىن شېھىدلىرى ۋە بارىن ۋەقەسى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندىن كېيىن مەۋلۇت باشلىنىپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئاخىرىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزدى.