غەرب دۆلەتلىرى نىمىشقا خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالىمايدۇ؟


2007.05.30

خىتاي دائىرىلىرى غەرب ئەللىرى بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا شۇنداقلا غەرب ئەللىرىنى سىياسى ھەم ئىدېئولوگىيىلىك ئىختىلاپلاردىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن غەرب ئەللىرى خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا مۇستەقىل ئەدلىيە سېستىمىسى قۇرۇلمىغىچە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى قىيىن. ئۇنداقتا غەرب ئەللىرى نىمىشقا خىتاي بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالىمايدۇ ؟

خىتاي بىلەن قاچقۇنلار كېلىشىمى ئىمزالىغان غەربلىك دۆلەتلەر ناھايىتى ئاز

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل مارت ئېيىدا فرانسىيە بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە خىتاي بىلەن بۇ خىل كېلىشىم ئىمزالىغان دۆلەتلەر 29 غا يەتتى. لېكىن فرانسىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيىدىن باشقا غەربتىكى كۆپچىلىك دۆلەتلەر خىتاي بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئېنگلىزچە چىقىدىغان " جۇڭگو " گېزىتى، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارى دۇئەن جيېلوڭنىڭ " بىز تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تىرىشماقتىمىز،" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

"جۇڭگو" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربتىكى ئۆلۈم جازاسى چەكلەنگەن دۆلەتلەرنى خاتىرجەم قىلىش مەقسىتىدە بۇ دۆلەتلەر قاچقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن.

خىتاي سوت مەھكىمىلىرى باشقىلارنىڭ كۆزىنى بويايدىغان بىر شەكىلمۇ ؟

"جۇڭگو" گېزىتى، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن " سىياسى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئىدېئولوگىيىلىك ئىختىلاپلارنى" بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئارزۇسى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي سىياسى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى شۇنداقلا چوڭ دىلولارغا كومپارتىيە كونتروللىقىدىكى سىياسى قانۇن كومىتېتى ئالدىنئالا مەخپىي ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي سوت مەھكىمىلىرى باشقىلارنىڭ كۆزىنى بويايدىغان شەكىلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەيىپلەنگۈچىنىڭ ھوقۇقى تېگىشلىك كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپلا قالماي، خىتاي يەنە ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ -كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت.

فرانسىيە بۇ يىل 3- ئايدا خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، غەربنىڭ خىتاي بىلەن قاچقۇنلار كېلىشىمى ئىمزالىشىغا قارشى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا جاۋاپكار مەسئۇلى ت. كۇمار، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي بىلەن تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قارشى چىقىشتىكى سەۋەبى، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت بولغانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ،" خىتاي ئۆلۈم جازاسى يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت. شۇڭا بىز تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قارشى تۇرىمىز. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆلۈم جازاسىنىڭ رولى بار،چۈنكى بىز ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىمىز،" دەيدۇ. "جۇڭگو گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرغا قەدەر 800 دىن ئارتۇق ئىقتىسادى جىنايەتچىگە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش كېلىشىمى بولمىغان دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرۈۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 7 يىلدىن بېرى كانادادىن شيامېن يۈئەنخۇئا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لەي چاڭشىڭنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۈستىدىن 30 مىليارد يۈەنلىك يۈئەنخۇئا ئەتكەسچىلىك دېلوسىنىڭ جاۋاپكارى، دەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. لېكىن لەي چاڭشىڭنىڭ ئادۋۇكاتى لەي چاڭشىڭنى ئۆلۈم جازاسى يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر دۆلەتكە قايتۇرۇش كانادا قانۇنىغا خىلاپ، دەپ ئەرز قىلماقتا.

خىتاي "زور دەرىجىدە يول قويۇۋاتامدۇ ؟ "

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار يەنە خىتاينىڭ بەزى دۆلەتلەرگە قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئەگەر خىتاي كونكىرىت دېلولاردا قاچقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلسا، تۇتقۇننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەر ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان كونكىرىت جىنايى دېلولاردا قاچقۇننى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردە كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن خىتاي قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا خىتاينىڭ قاچقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى كۆككە كۆتۈرمەكتە. نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى جاڭ يوڭ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن قاچقۇنلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىككە ۋەدە بەرگەنلىكى " زور دەرىجىدە يول قويغانلىقتۇر،" دەيدۇ.

قاچقۇنلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئادىل سوتلىنامدۇ ؟

ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىقتىسادى جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش مەسىلىسى دەۋرىمىزدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق تۈرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈۋالغۇچى دۆلەتتە قانۇن تۈزۈمنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكى يەنىلا بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلىدۇر.

خىتاينىڭ قانۇن رامكىسى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگۈچى ئانالىزچىلار،" خىتايدىكى سوتچى، تەپتىش ۋە ساقچىلار چوقۇم بۇ رامكا ئىچىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ئۈگۈنىشى كېرەك،"دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە،" غەربلىك ئەرباپلار دائىم تەكىتلەيدىغان بىر مەسىلە، ئەگەر بىر قاچقۇن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ھەتتا بۇ قاچقۇن ناھايىتى ئەسكى ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ كىشى ھەقىقى قانۇن بىلەن سوتلىنامدۇ ؟ ياكى سىياسى ئورگانلارنىڭ تەسىرىدىكى سوتچى ۋە تەپتىشلەر بىپەرۋالىق بىلەن چىقارغان ھۆكۈمنىڭ قۇربانى بولۇپ قالامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىدۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.