ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى

CHINA_CURRENCY2005_200.jpg
يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى.AFP

ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شتاتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇمېر چارلىز چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى ھەمدە ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا چارە قوللانمىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان بارلىق ماللىرىغا 27.5٪ باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتتىق تەلەپ

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 4 -ئايدا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇمېر چارلىز ۋە جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسىي گرەھەمنىڭ، خەلق پۇلىنى تەڭشەش مەسىلىسىدىكى قارار لايىھىسىنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، لايىھىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلار 10 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرتمەي تۇرۇۋالغان خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى 6 ئاينىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ھەمدە ئەگەر خىتاي بۇنىڭغا قوشۇلمىسا ياكى دەرھال چارە قوللانمىسا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان بارلىق ماللىرىغا 27.5٪ جازا خاراكتېرلىك باج قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

پالاتا ئەزاسى شۇمېر يەنە، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، خىتاي خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئاز دېگەن 15٪ تىن 40٪ كىچە ئاز مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر ئاخشامنىڭ ئىچىدىلا خەلق پۇلىنى مۇقىم تۇتۇۋېلىشتىن ئەركىن قويۇپ بېرىشكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلمايمىز. بىز خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش پىلانى تۈزۈلگەن ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا ئاندىن بىز خەلق پۇلىنىڭ ئەركىن بازارغا يۈزلىنىش قەدىمىنىڭ قانداق بېسىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرالايمىز".

مەقسەت ئەركىن سودىنىڭ ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرۇش

بىر قىسىم كىشىلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان سودا پاسسىپ بالانىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتايغا خەلق پۇلى كونتروللۇقىنى بوشىتىش ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇمېر ئەپەندى بۇنىڭ تۈپ سەۋەب ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگىنىمىز پەقەت خىتاينىڭ قۇرۇق ۋەدىلىرى بولدى. شۇڭا ئەگەر مۇشۇنداق قۇرۇق سۆھبەتلا بولۇپ، باشقا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىسا، بۇنداق سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

"بۇ لايىھە ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان. لېكىن ئەلۋەتتە، خىتاي پۇلى تەڭشەلسە، ئامېرىكىنىڭ سودا پاسسىپ بالانىسىغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن بۇ ھەتتا 25٪ تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەنە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭمۇ پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا خىتاي، خەلق پۇلىنى تەڭشەشتىن سىرت يەنە، پۇلنى ئەركىن قويۇۋېتىش تۈزۈلمىسىنى ئورنۇتۇشى كېرەك. شۇڭا بىز چىقارغان بۇ لايىھىنىڭ مەقسىتى، ئەركىن سودىنىڭ ھەقىقىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش خالاس".

پايدىنىلا كۆزلەپ مەسۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى

شۇمېر سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ، پەقەت دۇنيا ئەركىن سودىسىدىن پايدا كۆرۈشنىلا بىلىپ، ئەركىن سودىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خېلىدىن بېرى دىئالوگ ۋە سۆھبەت يولى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز ئىشىنىمىزكى، خىتاي بىلەن سۆھبەتلا ئېلىپ بارغاننىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. چۈنكى، بىز خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقىلى 3-4 يىل بولدى، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدى. بىزنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگىنىمىز پەقەت خىتاينىڭ قۇرۇق ۋەدىلىرى بولدى. شۇڭا ئەگەر مۇشۇنداق قۇرۇق سۆھبەتلا بولۇپ، باشقا ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىسا، بۇنداق سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ".

سودا ئەركىن بولۇۋاتقاندىكىن، خەلق پۇلىمۇ ئەركىن بولسۇن

كېڭەش پالاتا ئەزاسى شۇمېر سۆزىدە يەنە، ئۇلار ماقۇللىغان مەزكۇر لايىھىنىڭ، خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان پوزىتسىيىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، خىتاينىڭ خەلق پۇلى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا ئويلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇمېر ئەپەندى، بەزى كىشىلەرنىڭ "خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىمپورت-ئېكىسپورت سودىسى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ. خىتايغا قارىتىلغان خەلق پۇلى قىممىتىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينى قەستەن يامان كۆرسىتىش" دېگەن كۆز قاراشلىرىغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينى يامان كۆرسىتىش مەقسىتىمىز يوق. ئادەتتە سىز بىرسىنى ئەيىبلىگەندە، ئۇ ھامان سىزگە ئۇنى يامان قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىڭىز بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىمپورت-ئېكىسپورت سودىسى ھازىر تەڭپۇڭ بولىۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي خەلق پۇلىنىمۇ ئەركىن تۇتسۇن!".

شۇمېر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھىنىڭ دۇنيا ئەركىن سودىسىنى قوغداش بىلەن بىرگە، خىتاينى ئەركىن سودىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.(پەرىدە)