
ۋېيتنام، ھېنرىي پائۇلسېننىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 18 - سېنتەبىر كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى شەرقىي ئاسىيا سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بېكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پائۇلسېن، خىتاي زىيارىتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى. بۇ مەسىلە خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدىغان ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەمگەك بازىرى ۋە رىقابەت كۈچىنى قوغداش مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە
بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلسە، ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدا خىتاينىڭ 202 مىليارد دوللار ئاكتىپ بالانىسىنى ئازايتىش، ئامېرىكا ئەمگەك كۈچلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پائۇلسېن 18- سېنتەبىردە ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستايدىكەن. بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام يىلىدا سودىدىكى پاسسىپ بالانىسنى ئازايتىپ، ئامېرىكا ئەمگەك بازىرىنى ۋە رىقابەت كۈچىنى قوغداش مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.
سىنگاپور، مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسەت ئانالىزچىسى دېبورا ئەلمس، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش توغرىسىدا ئېغىر بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھېنرىي پائۇلسېن پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى خانويدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلار يىغىنىدا خىتاي بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەت ئېلىپ بارمىسىمۇ، لېكىن ئۇ، كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ يىغىنىدا خىتايلار بىلەن ئۇچرىشىپ، 18 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىدۇ.
خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى ئىقتىسادى مەسىلە بولۇپلا قالماي بىر سىياسىي مەسىلە
گەرچە خىتاي، پۇلنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە جىددىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ بېسىمغا تىرەجىمەكتە. ئىقتىسادشۇناس ۋە ئوبزورچى ساۋ يەنجۈي، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسى بىر ئىقتىسادى مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ بىر سىياسىي مەسىلە، دەيدۇ. ساۋ يەنجۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي- ئامېرىكا سودىسىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىغا مالنى كۆپ سېتىشىنى خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرقى بەلگىلىمەكتە. ساۋ يەنجۈي، " كان ۋە تۇپراق دۆلەت ئىگىلىكىدە بولغاچقا تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا كېتىدىغان خام ئەشيا ئۈچۈن پۇل خەجلەنمەيدۇ. ئامېرىكىدا بولسا خام ئەشيا بازار تەننەرقى بويىچە سېتىۋېلىنىشى كېرەك. يەنە بىر مەسىلە، ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرقى. ئامېرىكىدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بار. خىتايدا بۇ خىل ئەھۋاللار مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئەمگەك كۈچىنىڭ تەننەرقى ناھايىتى تۆۋەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىتنى قوغداش ۋە تېخنىكا تەننەرقى مەۋجۇت. ئامېرىكىدا تېخنىكىنىڭ پاتنىت ھوقۇقى قانۇن بۇيىچە قوغدىلىدۇ. لېكىن خىتايدا ھەر قانداق نەرسىنى كۆچۈرۈپ ياساش مۇمكىن. خىتاينىڭ مۇھىتقا سالىدىغان سېلىنمىسىنى ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاز. بۇ خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرقىنى تېخىمۇ چۈشۈرمەكتە. ئۇ، يەنە "بۇ مەسىلەر تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا سىياسىي تۈزۈلمىگە بېرىپ تاقالماقتا. بۇ مەسىلىلەر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يەنى بۇ دېموكراتىيىنى پرىنسىپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن ئالاقىدار مەسىلە، " دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرمىسە، خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىن
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چارلىز شۇمېر بىلەن لىندسېي گراھاملار پائۇلسېنغا، ئەگەر خىتاي 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۈنۈملۈك مىقداردا ئۆستۈرمىسە، ئۇ ھالدا خىتاي ماللىرىغا 5. 27 پىرسەنت تاموجنا بېجى قويۇش توغرىسىدا قانۇن لايىھىسى سۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاز مىقداردا ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بەزى ئامېرىكا سودا - سانائەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ ھازىرقى قىممىتى ئۇنىڭ بازاردىكى ئەسلى قىممىتىگە قارىغاندا 40 % ئەتراپىدا تۆۋەن بولۇپ، بۇ خىتاينى ئادالەتسىز سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. لېكىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىدە كىشىنى "ھەيران قالدۇرىدىغان" ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئۇ، چارشەنبە كۈنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا " خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى بازارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە كۆرە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى، پۇلنىڭ باھاسى ئاستا - ئاستا قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋالدا پائۇلسېننىڭ خىتاينى گەپكە كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)