خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2011-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2011-يىللىق دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، خىتايدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر يولۇقۇۋاتقان بەسىملەر ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم مەلۇماتلار بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009-يىلى پۇقرالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسى. خىتاي ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئادەم سانى 1000 فىن ئېشىپ كەتكەن.
2009-يىلى پۇقرالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسى. خىتاي ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئادەم سانى 1000 فىن ئېشىپ كەتكەن.
AFP

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتايدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى تەنقىد قىلىنغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي دائىرىلىرى بىخ تارتىشقا باشلىغان ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۆز پىكرىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىماقتا ۋە ئۇلارغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە. خىتاي، دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى كونترول قىلىش، تونۇلغان تور سەھىپىلىرىنى «ئوت تام» سىستېمىسى ئارقىلىق چەكلەش، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، خەلقئارا سەھنىدە بولسا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان دۆلەتلەردىن ئۆچ ئېلىشتەك ھەرىكەتلەرنى داۋام قىلماقتا ۋە ئۇنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي ئىقتىسادى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىقتىسادىي كرىزىس بولۇشىغا قارىماي يۈكسىلىپ بارماقتا. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي تەڭسىزلىككە بولغان نارازىلىق بارغانسېرى ئۇلغايماقتا. ئادالەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك داۋام قىلماقتا. خىتايدا كىشى بېشىغا چۈشىدىغان كىرىم ئۆرلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مىليونلىغان كىشى سالامەتلىك سۇغۇرتىسىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاش، ئاققۇنلار ئىككىنچى سىنىپ پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئوقۇشسىز قېلىش داۋام قىلماقتا.

دوكلات مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما قانۇن بىلەن ئىش قىلىش قانداقتۇر بۇنى سىياسىي تۈزۈمگە ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئىتىگە تەھدىت دەپ قارىغۇچىلار تەرىپىدىن يەنىلا ئارقىغا ئىتتىرىلىپ كەلمەكتە. خىتايدىكى ئەدلىيە ئورۇنلىرى سىياسەتنىڭ ۋە چىرىكلىكنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا.

خىتاي خەلقئارا ساھەدە ئۆزىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلەرگە قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن باش تارتىدىغان خاھىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان تەنقىدلەرگە ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا.

دوكلاتنىڭ داۋامىدا، خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق دەپسەندىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەرقانداق سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولغان خەۋەرلەرنى تارقاتقانلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە ياكى «بۆلگۈنچىلىك»، «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن مىساللارنىڭ ئىچىدە 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ئىقتىساد گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى غەيرەت نىياز ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بايات بەرگەنلىكى ئۈچۈن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنى زاتلارنىڭ، دىن مۇرىتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشقا، ھەرقانداق تىزىملىككە ئېلىنمىغان دىنىي تەشكىلات ۋە پائالىيەتلەرنىڭ قانۇنسىز دەپ باستۇرۇلۇشقا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن شەخسلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتمۇ بار.

دوكلاتنىڭ داۋامىدا يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ باستۇرۇلۇش، تەقىبكە ئېلىنىش ئەھۋاللىرى ۋە «قارا تۈرمىلەر» شۇنداقلا تۈرمىلەردىكى قېيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە سوراق جەريانىدا قېيىن-قىستاق، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان ئىقرارنامىلەرنىڭ جىنايى داۋالاردا پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنى بىكار قىلىش ھەققىدە بىر قارارنامە ئېلان قىلدى. ئەمما خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى بىكار قىلىش ۋە ئۇنى پاكىت ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك دەيدىغان سۆز ئوچۇق ئىپادە قىلىنغان بىر تۈزىتىش تېخى كىرگۈزۈلمىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم بىر پاراگرافتا توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە خەلقئارالىق بىر ئورگاننىڭ رايوندا ۋەقەنى شۇنداقلا ۋەقەدە دۆلەتنىڭ قولى-بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئادالەتسىز سوتلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سوتنىڭ جەريانلىرىنى ئاشكارىلىمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنتايىن چىڭ. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، بولۇپمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە: «ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئەركىن ھالدا ئىشلىتىشنى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، «بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» قاتارلىق جىنايى جازالار بىلەن چەكلىمەكتە» دېيىلگەن بولۇپ، نۇرئەلى، دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد ۋە شۇنداقلا گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى مىسال قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشتا جىددىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىللىي مائارىپتىن ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچىنىڭ دەسسىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئايدا چاقىرىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتى. ئەمما ئۇنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي دەرد-ئەلىمى، نارازىلىقى نەزەرگە ئېلىنمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ھالدا قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇپ، خىتاي تىلىنى بارلىق مىللىي مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى چەتكە قاقماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت