خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە ئاشكارىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارغا بۇرىماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى، ئولىمپىك مەشئەل ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان كوچىلار. 2008-يىلى 17-ئىيۇن،
ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى، ئولىمپىك مەشئەل ئۇزىتىش پائالىيىتى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان كوچىلار. 2008-يىلى 17-ئىيۇن،
AFP Photo

بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ژۇرنال «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى سىتىفىن ۋولتنىڭ ماقالىسىدۇر. «شىنجاڭدا نېمە بولۇۋاتىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغان ئامىلغا ئايلىنىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئىككى خىل ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىپ: «خىتاينىڭ كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنچە بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئىچكى ئامىللارغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە يولۇقامدۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالامدۇ؟» دەپ كۆرسەتكەن.

پروفېسسور خىتاينىڭ سىرتقى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن بەكرەك، دۆلەت ئىچى مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىدىغان دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە دۆلەت ئىچى مۇقىمسىزلىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتورنىڭ ماقالىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن نۇقتىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئىمكانىنىڭ يوقلۇقى بولغان. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە توغرا باھا بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ياكى تەشكىللىك تېررور تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى دەپ ئايرىشنى قېيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاپتور خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىمسىزلىقتىن ئەنسىرەپ، ئۇنى قوغداشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنىڭ خىتاينىڭ سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارغا ئاسانلىقچە قول تىقالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پروفېسسور سېتىفىن ۋولت ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتايدا زور بىر داۋالغۇش پەيدا قىلالمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
-بۇ خىل قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ كېتىۋەرگەن تەقدىردە بۇنىڭ كۆپچىلىك ئۇيغۇرنى نارازى قىلىپ، زور قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى مەۋجۇتلۇقىنىمۇ بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەردىكى دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ ئورنىغا، سەزگۈر مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر يولنى تېپىپ چىققاندىلا ئاندىن مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن. بۇ ئىنتايىن توغرا مەسلىھەت. ئەمما مەن خىتاينىڭ بۇ مەسلىھەت بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا ھازىر نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي لىدىرلارنىڭ قانداق بىر يول تاللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە، دېموتىكىس خەۋەرلەر تورىدىمۇ قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتورنىڭ قەدىمىي شەھەر خارابىلىكلىرى ئارىسىدا تارتقان رەسىملىرى بىلەن بېرىلگەن مەزكۇر ماقالىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى خىتاينىڭ قايتا قۇرۇش پىلانى ئاستىدا غايىب بولماقتا دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. «قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مەرۋايىتى قەشقەر قەدىمىي رايونى خىتاينىڭ يەر چىڭداش ماشىنىلىرى ئاستىدا يوقىلىشقا باشلىدى» دەپ باشلانغان ماقالىدە 2500 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەردىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەبىئىي ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن ئۆيلەرنىڭ ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئاستىدا ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھۆكۈمەت بۇنى خەلقنى زامانىۋى تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزىنى گۇمانلىق دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور قەشقەردە 2008- يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مەيدانغا كەلگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ يەرنى ئىسلام ئىدىيىسى، مۇستەقىللىق ۋە باشقا ئۆكتىچى ئىدىيىلەر تارقىلىدىغان ئورۇن دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى گەرچە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنى توسۇشقا قۇربى يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە باغلاپ مۇنداق دېگەن:
- خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى تولىمۇ چوڭ رول ئويناپ كەتتى. ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ قىزىل گىگانتقا بىرنېمە دېيىشنى خالىمىدى... ھەممە نەرسە ۋەيران قىلىنىپ بولدى. ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتسەكمۇ، قۇتقۇزۇۋالغۇدەك بىر نەرسە قالمىدى. خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ئېگىز بىنالارنى سېلىش ئۈچۈن تەييار بوپبولدى. خۇددى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ئوخشاش بۇنداق ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرىنى ئىدارە قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئاپتور ماقالىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنى بۇ خىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋاللىرىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمەسلىكى، بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت