ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندىدى
2005.10.11

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جون سنوۋ ۋە ئامېرىكا فېدېرال خەزىنە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلېن گرىنسپەن باشچىلىغىدىكى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار خىتايدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىدە 15 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان خەلقئارا مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشماقچى.
كوڭ چۈەن: پۇل قىممىتى، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ سەيشەنبە كۈنى توكيودىن خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، خىتاينى خەلق پۇلىغا بولغان كونتروللۇقىنى بوشىتىپ، ئۇنىڭ دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى ئەركىن بازاغا قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى. ئەمما خىتاي ھازىرچە خەلق پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدا ھېچقانداق شەپە بەرمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، جون سنوۋنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزلىرىنى يېقىندىن كۆزەتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نۇرغۇن ئامىللارنىڭ خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى قايسى ۋاقىتتا تەڭشىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، "تۈپتىن ئېيتقاندا، بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى. بىز ئۆزىمىزنىڭ رېتىمىغا ۋە ئۆزىمىزنىڭ سۈرئىتىگە ئاساسلانغان ئاساستا، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ئەڭ پايدىلىق بولغان ئۇسۇل بىلەن خەلق پۇلى قىممىتى تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز" دېدى.
ئامېرىكا تەرەپ: خىتاي خەلق پۇلىنى ئاز دېگەندە 40% تۆۋەن مۆلچەرلىمەكتە
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ توكيودىكى مەزگىلىدە يەنە، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان بىۋاستە باغلىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى تەبرىكلىدى. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، بۇ يىل 7 - ئايدا، ئۇلار 10 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزىۋاتقان خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا بىۋاستە باغلىۋېلىش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ، خىتاي يەنىلا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرى، يوۋرو ۋە ياپونىيە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىچىك رامكا ئىچىگە ئېلىۋالدى. ئۇ چاغدا خىتاي خەلق پۇلىنى ئاران 2.2% ئۆستەرگەن. ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى بولسا، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى ئاز دېگەندە 40% تۆۋەن مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بىراق جون سنوۋ ياپونىيىدىكى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ باسقان بۇ كىچىك قەدىمىنىمۇ قارشى ئېلىپ، "بىز خىتاينىڭ مۇشۇنداق يولنى داۋاملىق بېسىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە، خىتاي خەلق پۇلىغا بولغان كونتروللۇقنى بوشىتىپ، ئۇنى ئەركىن بازارغا قويۇپ بەرگەندىلا، ئاندىن خىتاي ئىقتىسادىدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بەزى تەڭپۇڭسىز ئامىللارنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جون سنوۋ خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قەستەن تۆۋەن مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا ئامېرىكىلا قارشى تۇرۇپ قالماستىن، 7 دۆلەت گۇرۇھىمۇ خىتاينىڭ، خەلق پۇلى قىممىتىدە تېزدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ "جانلىق پۇل قىممىتى تۈزۈمى، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ" دېدى.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسى تېز ئۆرلىمەكتە

ئامېرىكىدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى تۆۋەن تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا تۆكمە بولۇپ كىرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېغىر تەھدىت بولىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن نارازىلىقلار كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان سودا ئورۇنلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنى بۇنداق قاتماللىق بىلەن كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسى رېكورد يارىتىپ، 162 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتىكى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق سودا پاسسىپ بالانىسى ھەتتا 200 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق سودا ئېشىندى پايدىسى ئۆتكەن يىلدىكىنى ئىككى قاتلاپ، 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
سنوۋ بىلەن گرىنسىپەن خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى
خىتايغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ بىلەن فېدېرال خەزىنە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلېن گرىنسپەن، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلق پۇلى قىممىتى مەسىلىسىدە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى. ئامېرىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئورۇنلار، بۇ يىغىنغا ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى بۇ ئالىي ئەمەلدارلارنىڭ چوقۇم بىر كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ خەلق پۇلى تۈزۈمىگە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئەگەر خىتاي بۇ ھەقتە دەرھال ھەرىكەت قوللانمىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىغا كىرىدىغان بارلىق خىتاي ماللىرىغا 27.5% باج قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ كەسكىن قارارىغا قارىتا ھازىرغىچە ھېچقانداق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرماي تۇرىۋالدى. لېكىن خىتاينىڭ مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى جوۋ شياۋچۈئەن يېقىندا، خىتاينىڭ پەۋقۇلئادە تېز ئېشىۋاتقان سودا پايدىسىغا ئاساسەن، ھەقىقەتەن خەلق پۇلى قىممىتىنى قايتا تەڭشەشكە زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ
- ئامېرىكا مالىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىگە جىددىي قارىماقتا
- ئامېرىكا خەلق پۇلى سىياسىتى توغرىسىدا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى كىمنىڭ پۇلى؟
- خىتاي مەركىزى بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى