لوپنۇرنىڭ داشى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشىغا سەۋەب بولغان خەت

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ لوپنۇر ناھىيىسى داشى كەنتىنىڭ ئىتتىپاق سېكرىتارى مەمەت ساۋۇرغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى گېزىت ھەم خەۋەر تور بەتلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر قىزىق خەۋەرگە ئايلاندى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا داشى كەنتىنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكا سېكرىتارى مەمەت ساۋۇر، خۇ جىنتاۋغا بۇ يېزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپ، بىرەر قېتىممۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ياكى قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەرنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى دوكلات قىلىپ " بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولدى، بىز پارتىيىمىزنىڭ گېپىنى مەڭگۇ ئاڭلايمىز، مەڭگۈ پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىمىز" دەپ خەت يازغان.

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەمەت ساۋۇر، خۇ جىنتاۋنىڭ "پارتىيىمىزنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كەنت پارتىيە ھەم ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا يۇرتۇڭلارنىڭ قالاق نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپسىلەر، تۇرمۇش باياشات، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ھالەت بارلىققا كەپتۇ، مەن سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلەردىن خوشال بولدۇم" دېگەن مەزمۇندا يازغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

بۇنىڭ بىلەن، لوپنۇر ناھىيىسى داشى كەنتىدىكى دېھقانلار نۆۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېيى مەزگىلىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسىي ئۈگىنىشتە، خىتاي باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يېزىنىڭ ئىتتىپاق ياچېيكا سېكرىتارى مەمەت ساۋۇرغا يازغان خېتىنى ئۆگەنمەكتە ئىكەن.

مۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە خۇ جىنتاۋغا خەت يازغان مەمەت ساۋۇر ھەمدە بەزى يېزا خەلقىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى.