خىتاينىڭ غەربىدىكى خەتەرلىك سودا


2006.01.05
CHINA-XINJIANG-MIGRANT-J-41.jpg
خىتاينىڭ گەنسۇ، خۇنەن ۋە خېنەن قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار ئۈرۇمچىدىكى بىر كوچىدا ئىش ئىزدەش تاختىلىرىنى ئېسىشى تۇرماقتا. 1998-يىل تارتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كىرىپ، زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر ساھەدىن قىستاپ چىقارماتا. AFP

غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى، غەربىي رايونلارنىڭ بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشنى ھەمدە بېيجىڭنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا چوڭ بىر مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا ھەمدە ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزى پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىشىگە سەۋەب بولماقتا.

دىنىي ئويغىنىش

David Nguyen نىڭ يېقىندا ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ غەربىدىكى خەتەرلىك سودا" ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ غەربنى ئىچىش سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بۈگۈنكى ئەھۋالنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەمدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.

18 ‏- ئەسىردە غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا سەپەر قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئارىسىدا دىنىي جەھەتتە چوڭ بىر ئويغىنىش دولقۇنى قوزغالغان ۋە ئىسلام دىنىي تەرىقەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سوپىزم خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئىدى. سوپىزم تەرىقىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان. خەلقنىڭ دىنىي ھېسسىياتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىغان.

David Nguyen نىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، 20 ‏-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەنە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تاشقى دۇنيا بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا غەربتىن ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن يېڭى پىكىر ئېقىملىرى تارقىلىشقا باشلىغان. لېكىن 20 ‏- ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىشىكلىرىنى ئىسلام ۋە غەرب دۇنياسىغا تاقىشى ھەمدە سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەتئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، قاتتىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى.

خىتايدا دىڭ شاۋپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇرلار ئاستا-ئاستا سىرت بىلەن بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن قايتىدىن ئالاقە قۇرۇشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت دۆلەتلەرنى بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدە مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىشى، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشى

1990 ‏-يىللاردا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى ئېلان قىلىشى، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېسسىياتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى، تەبئىي ھالدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

گەرچە ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇ‏، ئارمانلىرىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، دەيدۇ، David Nguyen ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە‏،‏- ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېقىن بىر مۇناسىۋەت قۇرۇلدى ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كۈچەيگەنسىرى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەزكۇر رايوندىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر ئېقىملىرىنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىپ، كېڭىيىدىغانلىقى ئېنىق.

ئۆتمۈشتە، ‏- دەيدۇ David Nguyen ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە،‏- خىتايدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇلارنىڭ دىنىي ھېسسىيا‏تىنىڭ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشىكىنى قوشنا دۆلەتلەرگە داغدام ئېچىۋەتسە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى مۇمكىن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.