ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى "سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ئورگىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى

دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن سۈرگۈندىكى بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە "سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى. بىراق سۈرگۈندىكى تەشكىلات رەھبىرىنىڭ سۆزى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن شۇ كۈنى دەرھال رەت قىلىندى.

مۇخبىرىمىز رېچارد فىننېينىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنى "شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى" نىڭ "باش مىنىستىرى"، دەپ ئاتىغان ئەنۋەر يۈسۈپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نى قوللاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

"مەن سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن."

ئامېرىكا "سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" نى قوللىغانلىقىنى رەت قىلدى

ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، "سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى" ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىئا قۇرۇلغان. ئۇ، 60 كىشىلىك سۈرگۈندىكى پارلامېنت تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تام كەيسېي، دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى" نى قوللىغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دىدى : "بىز ئۇنداق بىر سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنى ئېتراپ قىلمايمىز، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇنداق بىر تەشكىلاتنى قوللىمايدۇ."

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا سۆز قىلغان ئەنۋەر يۈسۈپ، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن پىكىر جەھەتتە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەنۋەر يۈسۈپ مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇستەقىللىقنى ئەمەس، ئاپتونومىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىراق مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىدىيە ۋە پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمەن."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى" نىڭ كۆز قارىشىنى رەت قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ گۇرۇپپىسى بىلەن ئوتتۇرىدا مەلۇم مۇساپە ساقلاپ كەلمەكتە. ئەنۋەر يۈسۈپنىڭ "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاپتيونومىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ" دىگەن سۆزلىرى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

دولقۇن ئەيسا رادىئومىزغا مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەقسىدى مۇستەقىللىق، مۇستەقىللىق ۋە تامامەن مۇستەقىللىق." ئۇ يەنە "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەقسىدىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى ۋە ب د ت قانۇن - نىزاملىرى يول قويغان پۈتۈن ۋاستىلارنى قوللىنىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەنۋەر يۈسۈپ، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ۋاستىلىق قاناللار ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئەنۋەر يۈسۈپ، سۈرگۈندىكى مەزكۇر ئورگاننىڭ مالىيە- ئىقتىسادى مەنبەئەسى قەيەردىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.