خەيرۇللا ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشتى


2006.01.30
abdullagul-xeyrulla.jpg
خايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل بىلەن.

29- يانۋار كۈنى قەيسىرىلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئەنقەرەدىكى دەدەمان مېھمانخانىسىدا قەيسىرىلىكلەر كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كېچىلىككە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا قەيسىرىلىكلەر قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى.

يىغىلىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل، بىر قەيسىرىلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئابدۇللا گۈلنىڭ سۆزىدىن كېيىن، يىغىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەيسىرىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى تانار يىلدىز ئەپەندى قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، قەيسىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاجى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە دۆلەت سىياسىتىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى.

كېچىلىككە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان خايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇلارغا ئاڭلاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.