شىنخۇا ئاگېنتلىقى - دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى


2005.10.24
couv-en.jpg
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى رەسىمى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى " شىنخۇا- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپاراتى" دېگەن بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىش جەريانىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى بەزى مۇخبىرلار، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلار ۋە شۇنداقلا ئىلگىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئىشلىگەن فرانسىيىلىك مۇخبىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇلار، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قانداق قىلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغانلىقى، خەۋەر بەرگەندە قانداق قىلىپ كىشىلەردە بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە بولغان دۈشمەنلىكنى قوزغىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ بولغان بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەرنى قوللايدىغان خەۋەرلەرنى تاللاپ بېرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان.

شىنخۇا - ساختا خەۋەر تارقىتىش مەركىزى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاساستا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، يەنە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نەچچە مىڭلىغان مۇخبىرلار بېيجىڭغا كېلىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەچچە مىڭلىغان خىزمەتچىلىرىمۇ گەرچە پۈتۈنلەي ئوچۇق بولمىسىمۇ، بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلىشتا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەنىلا 1949 - يىلىدىن تارتىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈش ۋە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش مەركىزى.

خىتايدىكى ئورنى يۇقىرى، خەۋەر تارقىتىش سانى كۆپ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھېسابلانغان بۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقى بارغانسىرى ئىشەنچلىك ئاخبارات ئورنىغا ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە. مەسىلەن: Google نىڭ خەۋەرلىرىدە دائىم شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرى باشقا خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنىپ، پەرقلەندۈرۈلمەيۋاتىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى يەنە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆزىگە ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەتتە خىل تىلدا خەۋەر تارقىتىدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە خەۋەرلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. بۇ ۋاستىلەر شىنخۇانى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە چوڭ رول ئويناتماقتا.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇشى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، شىنخۇا مۇخبىرلىرى پارتىيىنىڭ يۆلىنىشىدە ئەڭ قەتئىي تۇرالايدۇ. ئۇلار سوئال سورىغاندا، پەقەت ھۆكۈمەت ئاڭلاشنى خالايدىغان سوئاللارنى سورايدۇ. بەزى شىنخۇا مۇخبىرلىرى ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سۆزلەۋاتقاندا، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چاۋاك چېلىپمۇ كېتىدۇ.

دوكلاتقا قارىغاندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەر كۈنى مىڭدىن ئارتۇق خەۋەر تارقىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە يۈزدىن كۆپرەكى خەلقئارا خەۋەرلەر، ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى. شىنخۇا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق مەتبۇئاتلارنى مونوپول قىلىدۇ. خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 306 رادىئو ئىستانسىسى، 369 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، 2119 گېزىت ۋە 9038 ژورناللارنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ مەنبەسى شىنخۇا.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شىنخۇا پەقەتلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشۋىقات ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىشىشى، زامانىۋېلىشىشى دېگەندەكلەر يۈزەكىلا بىر ئەھۋال.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈزۈلمىسى مۇرەككەپ، ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغان نۇرغۇنلار مۇخبىر ئەمەس. ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا 8400 ئادەم بار. ھالبۇكى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەقەت 2000 ئەتراپىدا ئادىمى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 1900 دىن ئارتۇقى مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنخۇانىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىمۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ، خەۋەر ئىگىلەش قابىلىيىتى تۆۋەن.

دوكلاتنىڭ ئىلگىرى شىنخۇانىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىكى بىر مۇخبىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇلار كۈن بويى ئىشخانىسىدىلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، شىنخۇانىڭ پارىژ تارمىقى خىتاينىڭ 2 - ئەلچىخانىسىغا ئايلىنايلا دەپ قالغان.

ھۆكۈمەت تەرىپىنى ياقلاش

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ كاللىسىنى يۇيۇشى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، شىنخۇا مۇخبىرلىرى پارتىيىنىڭ يۆلىنىشىدە ئەڭ قەتئىي تۇرالايدۇ. ئۇلار سوئال سورىغاندا، پەقەت ھۆكۈمەت ئاڭلاشنى خالايدىغان سوئاللارنى سورايدۇ. بەزى شىنخۇا مۇخبىرلىرى ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سۆزلەۋاتقاندا، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چاۋاك چېلىپمۇ كېتىدۇ".

تېلېۋىزور كۆرۈپ خەۋەر تارقىتىش دوكلاتتا يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەتئەلدىكى مۇخبىرلىرى كۆپ ھاللاردا چەتئەل تېلېۋىزورلىرىنى كۆرۈپ خەۋەر يازىدىكەن. شىنخۇا مۇخبىرلىرى يەنە ئۆزلىرى خىتايغا دوستانە دەپ قارىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە تايىنىپلا، خەۋەر بېرىدىكەن. شىنخۇانىڭ بېرمىدىكى شۆبىسى بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتى تارقاتقان خەۋەرنىلا بېرىپ، ھەتتا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشقان بېرما ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئانسانسۇچى ۋە باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى پەقەتلا خەۋەر قىلمايدىكەن.

سەزگۈر مەزمۇنلار - ئىچكى پايدىلىنىش خەۋەرلىرى

دوكلاتتا يەنە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى كومپارتىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان خەۋەرنى چىقىرىدۇ. بىر خىلى خەلقلەر كۆرىدىغان، يەنە بىر خىلى پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆرىدىغان. خەلق پەقەت يۈزەكى، بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنىلا كۆرەلەيدۇ. ھالبۇكى ھەقىقى خەۋەر قىممىتىگە ئىگە، خەلق كۆڭۈل بۆلۈدىغان سەزگۈر مەزمۇنلارنى بولسا، شىنخۇا ئاگېنلىقى ئىچكىي پايدىلىنىش خەۋەرلىرى شەكلى بىلەن پەقەت خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئوقۇشىغا سۇنىدۇ.

شىنخۇانىڭ تۈزۈلمە ۋە باشقۇرۇش شەكىلىمۇ، تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. تەھرىرلەر كومىتېتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى پارتكومىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر زامان شىنخۇانى نازارەت ۋە كونترول قىلىدۇ. تەشۋىقات مىنىستىرلىقى يەنە شىنخۇانىڭ خەۋەر بېرىش يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بولغان كونتروللىقى بولۇپمۇ سارس كېسىلى، ئىراق ئۇرۇشى ۋە يېقىنقى قۇش زۇكۇمى تارقالغان مەزگىلدە ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن.

مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان مۇخبىر ئېغىر جازالىنىدۇ

دوكلاتتا يەنە، "ئىچكى پايدىلىنىش ھۆججەتلىرى" دەپ مەخپىي تۇتۇلغان خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغان مۇخبىرلار " ساتقۇن" ھېسابلىنىپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتى، ئىسىم -فامىلىسى ۋە قىلمىشلىرى ئىدارىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئېلان تاختىسىغا چىقىرىلىدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قولغا ئېلىنىپ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ مىسالغا ئېلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ۋۇ شىشىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 1993 - يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ خىتاينىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى، جياڭ زېمىننىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 14 - قۇرۇلتايدا سۆزلەيدىغان نۇتۇقىنىڭ تېزىسىدىن بىر پارچىنى خوڭكوڭدىكى بىر گېزىتكە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى چەتئەلگە ئېلان قىلىدىغان ئىنگىلىزچە خەۋەرلىرىدە، ئۆزىنى خۇددى چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن بىر قەدەمدە كېتىۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىكەن. 2004 - يىلى 11 - ئايدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە، خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى خىتاي تىلىدىكى خەۋىرىدە بولسا بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنمىغان.

ھەقىقەتنى سۆزلەشمۇ ياكى پارتىيىنى مەدھىيلەشمۇ؟

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسلىق ئاخباراتچىلىق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخبارات ئورۇنلىرى ئەسلى خەۋەرنىڭ ھەقىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆزىنىڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ ھەقىقى خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئەمەس، بەلكى ئاكتىپلىق بىلەن ماركسىزم ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل ئۆكتەبىردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتنامىسىدە، ئۆزىنى "خەلق ئاممىسىنىڭ بۈيۈك نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلەپ سوتسىيالىزىمچە جۇڭگونىڭ گۈزەل ئوبرازىنى يارىتىشتا مۇھىم تۆھپە قوشتى" دەپ بىلدۈرگەن.

ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىراق ھۆكۈمىتى ئاخبارات مىنىستىرىنىڭ خەۋىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خەۋەر مەنبەسى قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنخۇانىڭ خەۋەرلىرىنىڭ 80% ئى ئىجابىي مەزمۇنلاردا بولۇپ، كۆپ قىسىم خەۋەرلەر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان . شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە تەنقىدىي مەزمۇنلارنىڭ ئازلىقى، ئۇنىڭ خەۋەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

شىنخۇا خەلقئارا مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ بىر قانچە ھاكىمىيەتلەرنىڭ باياناتچىسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: بىرمۇ خىتاي مۇخبىرى سادام ھۆسەيىننى دىكتاتور دەپ ئاتىمىغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنى بولسا شىنخۇا ئاگېنتلىقى "بېسىۋالغۇچىلار" دەپ كۆرسەتكەن. بېرما، سۇدان ۋە پاكىستاندىكى ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمدارلارمۇ شىنخۇانىڭ قوللاپ خەۋەر بېرىشىگە مۇيەسسەر بولغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خىزمەت قىلغان، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن غەزەپلىنىپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن مۇخبىر ۋۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى كونتروللىقى ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭنى ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا دائىرىلىرى بۇ دوكلاتقا باھا بېرىشنى رەت قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى باش شتابىمۇ بۇ دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.