ۋاڭ لېچۈەن: شىنجاڭدا مەسىلە تۈگىمەيدۇ


2008.02.20

Wanglechuan-150.jpg
ۋاڭ لېچۇەن، 5 - فېۋرال ھارپىسىدا، شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. Source: www.xj.chinanews.com.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، بۇ يىل 18 ‏ - فېۋرال كۈنى خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇ زىيارىتىدە 1990 ‏ - يىللاردىن بۇيانقى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ مەلۇماتىدا، شۇنچە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپمۇ "شىنجاڭ" مەسىلىسىنى تۈگىتەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

ۋاڭ لېچۈەن: 5 - فېۋرال ۋەقەسى "چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كېلىپ چىققان ھەرىكەت"

ۋاڭ لېچۈەن، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ 1990 ‏ - يىلدىن باشلاپ ئەۋج ئالغانلىقىنى بولۇپمۇ، 1995 ‏ - ۋە 1997 ‏ - يىللىرى ئارىسىدا پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئافغانىستاننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچلىنىشىگە قۇتراتقۇلۇق رول ئويناپ قالدى دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭ لېچۈەن 5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسىنى "چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كېلىپ چىققان ھەرىكەت" دەپ ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: " ئۇ كۈنى ئۇلار ئاشكارا نامايىش قىلدى، ھۆكۈمەتكە ئاشكارا قارشى تۇردى." ۋاڭ لېچۇەن بۇ سۆزى ئارقىلىق خىتايدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

5 ‏ - فېۋرال نامايىشنىڭ ئالدىدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ھەققىدە ھېچ توختالمىغان ۋاڭ لېچۈەن نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىدارە - جەمئىيەت ئىشخانىلىرىنى ئۇرۇپ - چاققانلىقى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن بۇلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، مۇخبىر چەتئەل رادىئولىرىدا خەۋەر قىلىنغان ‏5 ‏ - فېۋرال ۋەقەسى ھەققىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى تىلغا ئالغاندا، ۋاڭ لېچۇەن رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كۈنى ساقچىلىرىمىز جىنايەتچىلەرنى سوت مەيدانىدىن تۈرمىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىۋاتقان. بۆلگۈنچىلەر، جىنايەتچىلەرنى تۈرمە ماشىنىسىدىن ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن ۋىلسىپىتلەر بىلەن تەييارلىنىپ تۇرغان ئىكەن، ئۇلار تۈرمە ماشىنىسىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى، ماشىنىغا 3 مېتىرچە يېقىنلاپ قالغاندا، ساقچىمىز ئۇلاردىن بىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى."

ئەسلىدە بۇ ۋەقەنى شاھىدلار، مەھبۇسلار بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن تۈرمە ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ ماڭغان كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى دەپ بايان قىلغان ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن: " شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى مەن "

مۇخبىر، شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ قولىدا قارا تىزىملىك بار دەپ ئاڭلىدۇق دەپ سورىغىنىدا، ۋاڭ لېچۈەن " شۇنداق بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى مەن " دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن بۇ تىزىملىكنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " ئەسلىدە تىزىملىككە يازمىسىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق ئىكەنلىكىمنى بىلەتتىم، شۇڭا تىزىملىككە چۈشكىنىمگە ھەيران قالمىدىم. ئەگەر تىزىملىكتە بولمىغان بولسام ھەيران قالاتتىم، چۈنكى سەپنىڭ ئالدىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەن."

BasturulghanUyghurlar1-200.jpg
"بۇ سۈرەت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي سالداتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشوڭنىڭ "مېنىڭ غەربى دىيارىم، سېنىڭ شەرقى تۈركىستانىڭ" دېگەن كىتابىدا بېرىلگەن بولۇپ، يازغۇچى سۈرەتنى بىر ئۇيغۇردىن ئالغان ئىكەن. بۇ سۈرەتنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا تارتىلغانلىقى، كىمنىڭ، قايسى ۋاقىتتا، نىمە ئارقا كۆرۈنۈشتە تارتقانلىقىنى جەزىملەش قىيىن بولۇپ، بۇنى پەقەت، بۇرۇن شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بىر ھەقىقى ئەھۋال دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن." 王力雄:"我的西域,你的东土" http://woeser.middle-way.net/?action=show &id =264

ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى دوكلات قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ئەمما ئۆز باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىمۇ تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئارقىلىق ئىقرار قىلغان: " تىزىملىككە كىرگىنىمدىن قورقمىدىم، ئەمما شۇنداقتىمۇ ھۇشيارلىقىمنى ئۆستۈردۈم، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتتىم، چۈنكى جاننى ئەرزىمەس يەرلەردە قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ‏ - دە."

ۋاڭ لېچۈەن: " بارغانسېرى قاتتىق قول بولۇۋاتىمىز "

"راست گەپنى قىلسام، - دەيدۇ ‏ ۋاڭ لېچۈەن، ‏ - 1995 ‏ - يىلىغىچە، مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مېنىڭمۇ كاللامدا سان يوق ئىدى، مەركەز 1996 ‏ - يىلى 7 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىشنىڭ يولىنى ئۈگەندۇق. بۇرۇن مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن ھەل قىلىپ كەلگەن بولساق، كېيىن مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدۇق: بۇرۇن دۈشمەن باش كۆتۈرگەندە يوقاتقان بولساق، ئەمدىلىكتە، دۈشمەن باش كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋال قېزىپ ئاچىقىپ زەربە بېرىپ ئۇجۇقتۇرىۋاتىمىز ."

ۋاڭ لېچۈەن يۇقىرىقى سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى مەركەزگە يۈكلەۋاتامدۇ ۋە ياكى تۆھپىنى مەركەزنىڭ قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىغا خوشامەت قىلىۋاتامدۇ؟ ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان تېخىمۇ مۇھىم بىر سۆزى مۇنداق: بارغانسېرى قاتتىق قول بولۇۋاتىمىز، بارغانسېرى زامانىۋىي ۋاستىلار بىلەن باستۇرۇۋاتىمىز، ئەمما شىنجاڭدا مەسىلە تۈگىدىمۇ دەپ سورىسىڭىز ، بۇنىڭغا تۈگىدى دەپ جاۋاب بېرەلمەيمەن؛ ئەگەر قاچان تۈگەيدۇ دەپ سورىسىڭىز بۇنىڭغا تېخىمۇ جاۋاب بېرەلمەيمەن."

ۋاڭ لېچۈەن: " شىنجاڭدا مەسىلە تۈگىمەيدۇ "

تارىخچى ئېرپان توختىيوپنىڭ يېڭى ھايات گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، زوزۇڭتاڭ، 1870 ‏ - يىللاردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، مەركەزگە يوللىغان خېتىدە" يەرلىك خەلقنىڭ ئىچىدە قولىغا قورال ئالغۇدەك جاسارىتى بار كىشىنى تىرىك قويمۇدۇم، بۇ مىللەت قايتا ئىسيان كۆتۈرمەيدۇ " دەپ دوكلات يوللىغان.

ئابدۇرېھىم ئوتكۈرنىڭ ئىز رومانىدا دېيىلىشىچە، ياڭ زېڭشىن "شىنجاڭ ھەر 3 يىلدا بىر توپىلاڭ، 10 يىلدا بىر قوزغىلاڭ بولۇپ تۇرىدىغان جاي دەپ " خۇلاسە چىقارغان، 1950 ‏ - يىللارغا كەلگەندە ۋاڭ جېن: شىنجاڭدا ئەكسىيەتچىلەر كالا تۈكىدىنمۇ كوپ ئىكەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان، 1990 ‏ - يىلىغا كەلگەندە ۋاڭ ئېنماۋ: شىنجاڭغا ئاساسىي خەۋپ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرىقى ھەر بىر جۈملىسى ھەر بىر دەۋرنىڭ ۋە تارىخنىڭ خۇلاسىسى بولۇپ، بۇ خۇلاسىلەر زەنجىرىگە ۋاڭ لېچۈەن يېڭى بىر ھالقا قاتتى: ئۇ بولسىمۇ ": شىنجاڭدا مەسىلە تۈگىمەيدۇ." (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.