'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى' خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"ھەققىدىكى خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلىشكە باشلىدى. بۇلاردا خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.21
Xu-jintaw-xitay-Xinjiang-xizmet-yighinida-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ 19 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 19 -ماي "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە يېڭى بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقى، بۇ يىغىننىڭ زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇندىن كېيىن رايوندىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادى يۈكسىلىپ، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بارلىققا كېلىدىغانلىقى ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىشكە باشلىدى.

21 - ماي خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يىغىن ھەققىدىكى مەخسۇس پروگراممىسىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 13 - دېۋىزىيىسى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسكەندەر غېنى، لوپنۇر ناھىيىسىدىكى تاكسى شوپۇرى ئىلھام، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى چېن جۈنلى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىقتىساد كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان خې ۋېيگاڭ قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئۆز بايانىدا بىردەك مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا بەلگىلىگەن سىياسەتلىرىدە رايونغا قارىتا زور دەرىجىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوللانغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بۇ سىياسەتكە نىسبەتەن مىننەتدارلىقى ۋە ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇنداقتا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"غا نىسبەتەن قانداق ئىنكاسلار بولۇۋاتىدۇ؟
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن "خىتاي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يىغىنىدا پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلىماقچى بولدى" دېگەن ماقالىدە خۇ جىنتاۋنىڭ يىغىندىكى دوكلاتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "خۇ جىنتاۋ '2015 - يىلغا قەدەر رايوندىكى پۇقرالارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى سەۋىيىسىنى مەملىكەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش نىشانى'نى ئوتتۇرىغا قويدى. 2020 - يىلغىچە رايوندا نامراتلىقنى ئاساسى جەھەتتىن تۈگىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. بۇ يىغىن 1949 - يىلدىن بۇيانقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىدىكى تۇنجى يىغىن دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل يىغىننى ئېچىش ھەم رايونغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە يېڭىچە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'دىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق رايوندىكى مۇقىملىقنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ."

ماقالىدا يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا قاراتقان باج سىياسىتىدە بۇندىن كېيىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، "باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ بۇندىن كېيىن رايونغا نىسبەتەن بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان باج سىياسىتىدە نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلاردىن ئېلىنىدىغان باج سىياسىتىنى ئەسلىدىكى باجنى مىقدارى بويىچە ھېسابلاشتىن، بازار باھاسى بويىچە ھېسابلاشقا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، بۇنىڭ يەرلىك پۇقرالارغا كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ جىنتاۋ سۆزىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات جەھەتتە خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەردىن كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداقلا رايوننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئارقىدا قېلىشى" رايوندا جەمئىيەتنىڭ ئاساسى زىددىيىتى" بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. " دەپ يازىدۇ. ماقالىدا يەنە، خۇ جىنتاۋنىڭ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان، " شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا يەنە دۆلەتنى پارچىلايدىغان بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىمۇ مەۋجۇت" دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنغان.

ۋال سترىت ژۇرنىلىدا "شىنجاڭ يىغىنى" ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، "ئۇزۇن مۇددەتلىك جۇغلىنىپ قالغان مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2009 - يىلى 7 - ئاي مەزگىلىدە نارازىلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ۋېن جىاباۋ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باج سىياسىتىگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي 2006 - يىلدىن بۇيان ئەسلىدىكى باجنى مىقدارى بويىچە ھېسابلاش تۈزۈمىنى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلاشقا ئۆزگەرتىش پىلانى تۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مانا ئەمدى بۇ پىلاننى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتسا كېرەك،" دېيىلگەن.
 
سىنگاپوردا چىقىدىغان "بىرلەشمە سەھەر گېزىتى"دە، بۇ خىل باجدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقى يەنىلا بىر مەۋھۇم مەسىلە ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇيغۇرلار رايوندىكى بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولسىمۇ، ھازىر بۇ بايلىقلارنى ئېچىپ، پايدىلىنىۋاتقانلار خىتاي شىركەتلىرى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدا بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، "خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ رايونغا قاراتقان باج سىياسىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما رايونغا سېلىنىدىغان مەبلەغ يەرلىككە ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تەۋەلىكىدىكى شىركەتلەرگە تەڭلا سېلىنماقچى. بۇنىڭدىن يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق پۇقرالار قانچىلىك مەنپەئەت ئالالايدۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس."

ماقالىدا يەنە خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىغا قويغان، "'رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش' دېگەن شوئار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ تەشەببۇسى '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى'دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، رايوندىكى بارغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك،" دېيىلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى ۋە رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.