ئۇيغۇر ئېلىدە دىن تارقىتىش پائالىيىتى شۇغۇللانغان ئىككى كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئەتكەس قىلىندى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ، كارخانا ئىگىلىرىنى قانۇنسىز ھالدا خرىستئان دىنى تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان شۇنداقلا باشقىلارنى قانۇنسىز يوللار بىلەن دىن ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى . بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ۋىزىسى ئەتكەس قىلىندى.

ۋەقەگە يەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئارىلاشقان

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خرىستئان دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىپ، تىجارەت كەسپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى ۋە كىشىلەرنى قانۇنسىز دىن ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە باغۋەنچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار تەرەققىيات شىركىتى، دېگەن كارخانا بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ لوپ ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە باغۋەنچىلىك مەيدانلىرى بار ئىدى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئىلى دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئاي بۇ شىركەتلەرنى دىنىي ماتېرىياللار تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنى دىن ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىش ۋە "دىنىي ساھەدە سىڭىپ كىرىش" بىلەن ئەيىبلەپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەتكەس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ "شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار تەرەققىيات شىركىتى"نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەتكەس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مەزكۇر شىركەتنىڭ پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خرىستئان دىنىغا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي ھەم سىياسىي مۇقىملىققا جىددىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ شىركەتنىڭ لوپ باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى ۋەكىلى، شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ، رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ، "مەن مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بىلسەممۇ، لېكىن تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلمەيمەن. مەن بۇنى ئاڭلىغان، لېكىن ئۇقتۇرۇش تېخى يولغا قويۇلمىدى. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى چوقۇم . باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى خىزمەتچىلەر ناھايىتى بىئارام بولۇپ، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلمەيۋاتىدۇ."

شىركەت خادىمى دىن تارقاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

" شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار تەرەققىيات شىركىتى"نىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، بۇ شىركەت خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى ناۋا يېزىسى ۋە قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسى توپۇلۇق يېزىسىدا باغۋەنچىلىك مەيدانى ئاچقان. يۇقىرىدىكى ئايالنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شىركەتنىڭ ناۋا يېزىسىدىكى باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىدىكەن.

سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ 20 ‏- سېنتەبىردە چۈشۈرگەن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا "سىلەر شىركەت نامىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىغا قانۇنسىز خرىستئان تەبلىغى ئېلىپ بېرىپ،خرىستئان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يۆتكىدىڭلار، تارقاتتىڭلار ۋە باستىڭلار. خوتەن شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، شىركىتىڭلارنىڭ خوتەن رايونىدىكى قانۇنسىز پائالىيىتى ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى قانۇنلارغا ۋە جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، دەپ قارىماقتا " دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن مەزكۇر شىركەتنىڭ ناۋا باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى ۋەكىلى شىركەتنىڭ دىن تارقاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، "بۇنداق ئىش مەۋجۈت ئەمەس. بىز ئادەتتىكىدەك ئىشقا چىقىپ، ئىشتىن چۈشۈپ نورمال خىزمەت قىلىمىز. بىز يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باغۋەنچىلىك مەيدانى. ھەر كۈنى ئىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىمىز. بۇنداق ئىش ھەرگىز يۈز بېرىپ باققان ئەمەس " دەيدۇ.

چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئامېرىكا پۇقراسى كىم ؟

مەركىزى تېكساستىكى جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى، خىتايدا دىنىي ياردەم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خرىستئان مىسيونىر تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.

مەزكۇر جەمئىيەت، ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىدى. لېكىن ئۇيغۇر ئىلى دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا بۇ كىشىنى "ئىسلام ياكى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى چېگرا رايون خەلقىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك ئىدى" دەپ ئەيىبلىگەن.

مىسيونىرلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە قىزىقىدۇ ؟

ئامېرىكا مىلۋاكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات، مىسيونىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دىنىي پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇيغۇر ئىلى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا دىن تارقىتىدىغان چەتئەللىك مىسيونىرلارنىڭ پائالىيەت نىشانى بولۇپ قالماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئۇيغۇر ئېلىدە دىن تارقاتقۇچى چەتئەللىك مىسيونىرنىڭ سانى 50 كە يېتىدىكەن. بۇ قېتىم شىنجاڭ تىنچ ئوكيان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار تەرەققىيات شىركىتى بىلەن بىرگە تىجارەت كىنىشكىسى ئەتكەس قىلىنغان يەنە بىر شىركەت، قەشقەردىكى جيا ئېرخاۋ يېمەكلىكلەر شىركىتى بولۇپ، بۇ كارخانىنىڭ ئىگىسى خرىستئان دىنىغا كىرگەن ئالىمجان ھىمىت ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئىدى. قەشقەر شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئا. ھىمىتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئوخشاشلا "مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانۇنسىز دىن تارقىتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي - سىياسىي مۇقىملىققا تەھدىت سېلىش تۈپەيلى" ئەتكەس قىلغان. (ئەركىن)